باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئۆكتەبىرگە سوۋغا

      يالقۇنلۇق ئۆكتەبىر تولۇپ تاشقان ئۈمىد ۋە مول ھوسۇلغا باي ئاي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پىيونېرلار ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىغا سوۋغا تەييارلايدۇ.

      يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەمىز خەلق ئاممىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. پارتىيەمىز قۇرۇپ چىققان ئۆسمۈر – بالىلار تەشكىلاتى - پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 63 يىللىقىنى ‹‹پارتىيە قۇياش نۇرى بولسا مەن گۈل، مەن پارتىيەنىڭ ياخشى بالىسى›› تېمىسىدىكى پارتىيە ۋە ئەترەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان جانلىق كارتېنىلار بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

      ئەترەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشتىكى مۇھىم مەنبە. ئەترەت تەشكىلاتى دۇنياغا كەلگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچىلىك ئىزباسار تەربىيەلەشنى مۇھىم بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى قىلغان، پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ تەشكىلىي ئىدىيەسى ۋە تەربىيەلەش مەزمۇنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەترەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان.

      ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى - يېڭى تارىخىي شارائىتنى چۆرىدىگەن ئاساستا مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ھەرقايسى تەربىيە ھالقىلىرىنى چىڭ تۇتۇشى، خۇلاسە تەربىيەسىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۈتۈن ئەترەتتە ‹‹قىزىل گالستۇكلۇقلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ››نى ئاساسىي تېما قىلغان تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشى، باش تېمىسى يارقىن، مول مەزمۇنلۇق ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە ھەربىر دەۋردىكى كۈرەش نىشانىنى بالىلارغا تولۇق تونۇتۇشى ۋە چۈشەندۈرۈشى، ۋەتەن ۋە يۇرتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ‹‹چوڭ ئۆزگىرىش››لەرنى ئۆسمۈر – بالىلار قاتناشقان ‹‹كىچىك ئەمەلىيەت›› جەريانىغا سىڭدۈرۈپ پىيونېرلارنى ئەمەلىيەتكە بىۋاسىتە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىگە يېقىنلىشىشىغا ياردەم بېرىشى، پارتىيە ۋە سوتسيالىستىك ۋەتەنگە بولغان ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

      كەڭ ئاساسىي قاتلام ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىش، ئەزىمەت ئەترەت كوللېكتىپى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق پىيونېرلارنى قاتنىشىشقا، تەكشۈرۈشكە، زىيارەت قىلىشقا يېتەكلىشى، ئەتراپىدىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىغا يېقىنلىشىشى، ئىلغار شەخسلەردىن ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەقسىتى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدۇرۇشى، پىيونېرلارنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

      پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ئىتتىپاقنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ئۆسمۈر – بالىلارغا مەنسۇپ، مىللەتنىڭ شان – شەرىپى ئۆسمۈر – بالىلارغا مەنسۇپ، بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەترەت ئىشلىرىغا ئۆزىمىزنى ئاتايلى، يالقۇنلۇق ئۆكتەبىرگە ئورتاق سوۋغا تەييارلايلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر