باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹ئات ئوقۇرى›› ئويۇنى

      ئات ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ ياخشى تايانچىسى بولغان، شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئات ـ ئەرگە قانات›› دېگەن ماقال بار. بۇ ھال ئۇيغۇرلارنىڭ ئات بېقىش، ئاتتىن پايدىلىنىش تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

      ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتقا بولغان ھېرىسمەنلىكى، ئاتنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ بېقىشى، ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتلەرنىڭ دىققەت ـ نەزەرىنىڭ سىرتىدا قالمىغان. دېمەك، بالىلارمۇ ئاتقا قىزىققان، چامى يەتكەن دائىرىدە ھەرىكەت قىلىپ كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلغان. مەسلەن، تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناش، ئات يېتىلەشنى مەشىق قىلىش، ئېتىز ـ ئېرىق بويلىرىدا ئۆسكەن پىچانلاردا ‹‹ئات ئوقۇرى›› ياساپ ئويناش قاتارلىقلار. ‹‹ئات ئوقۇرى›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە جاسارەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغاپ كەلگەن مەنىلىك ئويۇن بولۇپ، ئوغۇللارنىڭ ئوينىشىغا باب كېلىدۇ.

      ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارغا سان چەكلىمىسى قويۇلمايدۇ. ئەمما، مەيدان ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ. ئويۇنغا ھەۋەس قىلىدىغان بالىلار ئاۋۋال ئېتىز ــ ئېرىق بويلىرىدا ئۆسكەن پىچانلاردىن ئىمكانىيەتكە قاراپ مەلۇم مىقداردا تەييارلىۋالىدۇ، ئاندىن ئويۇن باشقۇرغۇچىنىڭ ئىجازەت بېرىشى بىلەن ئىككى تالدىن پىچاننى قولىغا ئېلىپ ‹‹+›› بەلگىسى شەكلىدە ئالماپ توقۇشقا باشلايدۇ. توقۇش جەريانىدا:

ياخشى ئات ئوقۇردا كىشنەر،

يامان ئات تېزىكىنى چىشلەر.

ياخشى خوتۇن ئۆيدە ئىشلەر،

يامان خوتۇن ‹‹ئاشىق›› ئىزدەر.

 

مېنىڭ بالام بىرگىنە،

قىزىل ئالما گۈلگىنە.

مىنگەن ئېتى تايگىنە،

ئاسماندىكى ئايگىنە.

 

ھاي بولۇر... ھاي بولۇر،

ئاتنىڭ بالىسى تاي بولۇر.

گاداي بالىسى باي بولۇر،

بەگنىڭ بالىسى لاي بولۇر.

 

سەگۈ تېرەك يىقىلدى،

يۆلىۋالالماي كەچ قالدۇق،

بالام، بالام، بالام.

ئۈنچە مارجان چېچىلدى،

تېرىۋالماي كەچ قالدۇق،

بالام، بالام بالام.

      دېگەن قوشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇر توقۇش بىلەن قوشاق ئېيتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئېغىز بىلەن قول بىردەك ھەرىكەتلىنىش شەرت قىلىنىدۇ. پىچاننىڭ سۈپەتلىك، ئۇزۇنلىرىنى تاللاپ سان ـ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ‹‹ئوقۇر››نى تېز، كۆپ توقۇش، توقۇش قائىدىسىگە تولۇق رىئايە قىلىش، باشقىلارنىڭ توقۇشىغا كاشىلا بولماسلىق، بىر ‹‹ئوقۇر›› توقۇشقا ئاتىغان ئىككى تال پىچاننىڭ ئۇچىنى ئەڭ ئاخىرىدا ئەپچىللىك بىلەن ئىككى يانغا تارتىش ئارقىلىق ‹‹ئوقۇر››نى پۈتكۈزۈپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئويۇن ھەربىر بالىنىڭ ئېلىپ كەلگەن پىچىنى تۈگىگەنگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئاخىرىدا ‹‹ئوقۇر››نى سۈپەتلىك، تېز، كۆپ توقۇغانلار تاللىنىپ، بالىلارغا خاس ماددىي نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپات بۇيۇمىنى ئويۇندا يېڭىلگەنلەر ھازىرلايدۇ. شۇ كۈنلۈك ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان ھەربىر بالا ھەر ئېھتىمالنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىمكانىيەتكە يارىشا ماددىي نەرسە ئالغاچ كېلىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلاردا ئىرادە، ئىشەنچ، جۈرئەت ۋە غەلىبە قازىنىش ئۈمىدى پەيدا قىلىدۇ. 

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي