باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بىلەن مەغلۇپ بولغۇچى

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ناھايىتى تىرىشچان كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا يېتەرلىك ۋاقتى بولىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار دائىم دېگۈدەك چوقۇم تۈگىتىشكە تېگىشلىك خىزمىتى ئۈچۈن ھېرىپ – چارچاپ كېتىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بۇرچ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار ھەمىشە دېگۈدەك قۇرۇق ۋەدە بېرىشكە ئامراق كېلىدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەسىلىگە يولۇققاندا شۇ مەسىلىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەل قىلىشقا ئىنتىلىدۇ، تىرىشچانلىقى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىغا تايىنىپ تۇرۇپ قىيىنچىلىقنى يېڭىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشتىن قورقىدۇ، دائىم دېگۈدەك باشقىچە چارە ئىزدەيدۇ – دە، نەتىجىدە مۇۋەپپەقىيەتكە مەڭگۈ يېقىنلىشالمايدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار يېتەرلىك ئىشەنچكە تولغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى يېقىملىق بولىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلار سىرتقى كۆرۈنۈشتە دائىم دېگۈدەك كۈچلۈكلەردىن بولۇۋالىدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار باشقىلارنىڭ سۆزىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلايدۇ ۋە باشقىلارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار يېنىدىكلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى قۇرۇق سەپسەتە دەپ قارايدۇ ھەم ئۆز – ئۆزىنى ماختاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىدىنمۇ بەك تىرىشچان، نەتىجىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى ھۆرمەتلەيدۇ ھەم ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك تىرىشچان ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھەمىشە ئامال تېپىپ باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى بىلەن يېتەرسىزلىكىنى ئىزدەيدۇ، باشقىلاردىن قۇسۇر تاپىدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزىگە بۆلۈنگەن ۋەزىپىلەرنى تاماملاش بىلەن قانائەتلىنىپ قالمايدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار بولسا: ‹‹مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلساملا بولدى›› دەيدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش رىتىمىنى قانداق تەڭشەشنى بىلىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار پەقەت ئەسەبىيلىشىش بىلەن سالپىيىپ كېتىشنىلا بىلىدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرالايدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلار بۇ ۋاقىتلارنى باشقىلارنى ئەيىبلەش، باشقىلاردىن ئاغرىنىشقا سەرپ قىلىۋېتىدۇ.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن پۇرسەت كۈتىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە، خىيالىدا پەقەت قىيىنچىلىق بىلەن مەسىلىلا بار خالاس.

      مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئەقلىنى ئىشلىتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىنى ئىزدىسە، مەغلۇپ بولغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا مېڭىسىنى ئىشلىتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى ئىشلىتىشى ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش بولماستىن، بەلكى ئۆزلىرىگە باھانە ئىزدەش ئۈچۈندۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر