باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش ئۆزىمىزگە باغلىق

تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم

      بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دوستۇم قىزىنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 ـ يىللىقىغا ئوقۇشقا بەردى بىز شۇنىڭدىن باشلاپ پات ـ پات  ئۇچرىشىپ  پەرزەنتلىرىمىز  توغرىسىدا پىكىرلىشىدىغان بولدۇق. يېقىندا  دۇستۇم قىزى توغرىسىدا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قىزى دائىم دادىسىنى ئۈلگە قىلىدىكەن. ئۇ مەكتەپكە كىرگەندە: ـ دادا، مەنمۇ سىز ئوقۇغان مەكتەپتە ئوقۇيمەن. مېنى باشقا مەكتەپكە زورلىماڭ، دەپ گېپىدە چىڭ تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دوستۇم قىزىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلغان. (مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنىڭ ھەرقانداق ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك دېمەكچى ئەمەس مۇۋاپىق بولسا چوقۇم ئورۇنداش كېرەك) دوستۇم ماڭا قىزىنىڭ چوڭ دادىسى، چوڭ ئانىسىنىڭ ياردىمىدە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە ساۋاتىنى چىقىرىپ، كىتابلارنى خېلىلا راۋان ئوقۇيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن، دوستۇم ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: ئوغلۇم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ئۇنىڭمۇ مەھەللىدىكى بىرگە چوڭ بولغان دوستلىرى بىلەن بىرگە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىدى. ئەمما، بىز ئۇنى تېخىمۇ تالانتلىق، ئىستىقباللىق قىلىمىز دەپ ئويلاپ، بەزى ‹‹مودا›› غا ئەگىشىپ مەكتەپنى تاللاپ بېرىپتۇق. نەتىجە قانداق بولدى دېمەمسەن، ئىشلار بىز ئويلىغاندەك چىقمىدى. ئوغلۇم دەرسلەردە يېتىشەلمىدى. ئۇنى ئاز دەپ مىجەزى بەك غەلىتە بولۇپ قالدى، بەك جاھىل. ئۆزىنىڭ گىپىدىلا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. بىر قېتىم مەن كاماندورۇپكىغا كەتسەم، ئانىسىنى بىرمۇنچە پاراكدەندە قىپتۇ. مەنمۇ تېلېفوندا بەكلا چېچىلىپ كەتتىم. ئۇ ئىشنى دەپ بەرسەم دوستۇم سېنىڭمۇ ئىچىڭ ئاچچىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا ئوغلۇڭ نېمە قىپتۇ دەپ سورىمامسەن. مېنىڭ بۇ مەكتەپنى تاللاپ ئوقۇغان كاتتا ئوغلۇم كىتاب ‹‹سودىسى›› قىپتۇ. ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە ئانىسى بۇ ئىشلارنى توسۇپ قاپتۇ. ھېلىقى ئۇيغۇر ئېلپبەسىنىڭ سۇنۇقىنىمۇ ئۇقمايدىغان ئەخمەق بالام بىز يېتەرلىك بىرىۋاتقان كۈندىلىك خىراجەتنى ئاز كۆرۈپ پۇل ‹‹تېپىش›› مەقسىتىدە بىزگىمۇ دېمەي، ئۆيىمىزنىڭ كىتاب ئىشكابىدىكى كىتابلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى يىغىشتۇرۇپ ئەپچىقىپ، كونا نەرسە ـ كېرەك سېتىۋالىدىغانلارغا ساتماقچى بولۇپ، جىڭلىتىپ تازا پۇلنى ئالاي دېگەندە ئايالىم ئۈستىگە كېلىپ قېلىپ ئوغلۇمنى ئەيىبلىگىنىچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ ئۆز جايىغا تىزىپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ يېرىلىپ كېتەيلا دېدىم. كۆرمەمدىغان ماۋۇ بالىنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى، ئاشۇ قىممەت باھالىق، ئىزدىسە تېپىلمايدىغان، ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى بايلىققىمۇ ئاشۇنداق ‹‹رەھىمسىزلىك›› قىلامدۇ؟ ئوغلۇمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ كىتابلارنى ئوقۇيالمىغاچقا، كىتابلارنىڭ قانداق كىتابلىقىنى بىلمىگەچكە شۇنداق قىپتۇدەك، بۇنداق ئىشلارنى باشقا ئائىلىلەردە سادىر بولمايدۇ دېيەلەمسىز؟ دوستۇم سۆزلەۋېتىپ ئوغلىدىكى سەۋەنلىكنىڭ يۈز بېرىشىدە ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتۈپ مۇنداق دېدى: جېنىم دوستۇم، ئوغلۇم مەيلى قايسى مەكتەپ، قايسى سىنىپتا ئوقۇسۇن، ئاتا ـ بوۋىمىزدىن مىراس قالغان، ئانىسى بەرگەن شۇ تىلنىڭ يېزىقىنى ئۆگەتمەپتىمەن ئەمەسمۇ. ئوغلۇم ھازىرمۇ ئۇيغۇر ئىلىپبەسى بويىچە ساۋاتسىز. ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئورتاقلىقىمىزمۇ يوق دېيەرلىك.

      ــ قاقشىما دوستۇم، سەن ئىلگىرى ئىنتايىن سەل قارىغان، ھەتتا قىلىشنى خالىمىغان ئاشۇ بىر قاتار ئىشلارنى ھازىر قىلساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن. پەرزەنتلىرىمىز چوقۇم خاس خاراكتېرگە، مۇھەببەت نەپرىتى بار، ئاق ـ قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان،  ئشىلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىپ بىزنى خاتىرجەم قىلىدىغان كۆپ خىل تىل ئىقتىدارى يۇقىرى ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقسۇن. بىز بۇنىڭغا ئەجىر قىلساق ھوسۇلغا ئېرىشەلەيمىز دېدىممەن دوستۇمغا تەسەللى بەرگەچ.

      مەن شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئويلىنىپ قالدىم. ئاتا ـ ئانا بولماق بىر فىزىئولوگىيەلىك قانۇنىيەت بولسىمۇ،  ئۆزىمىز ئاپىرىدە قىلغان پەرزەنتلەرنى جايىدا تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش بىزدىن ھەر ۋاقىت ئەقىل ھەم ئەجىر تەلەپ قىلىدىكەن. ئاتا ــ ئانىلىرىمىزنىڭ بىزنى قانداق قاتارغا قوشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، بىزدىن ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان يىمىرىلمەس دەرسلىك ھەم مەڭگۈلۈك تەۋەرۈككەن. ھازىر بىر قىسىم ئاتا ـ ئانىلاردا پەرزەنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتە ئۆزۈنىڭكىگە سەل قارايدىغان، يەڭگىلتەكلىك بىلەن باشقىلارغا ئەگىشىپ كېتىدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ كىچىكىدە قوبۇل قىلىش ھەق بولغان كۈچلۈك، ئۆتكۈر تەربىيەلەرگە سەل قاراپ، ئاخىرىدا ئۆزىگە ئۆزى قاقشايدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۈتلۇقى ھەممىگە ئايان. دەسلەپ سەل قاراپ كېيىن قاقشاش ئۆزىمىزنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

      سۆيۈملۈك ئاتا ـ ئانىلار بىز تەربىيەلەۋاتقان پەرزەنتلەر بەش، ئالتە ئەمەس، بەلكى ئىككى بەزىلىمىزدە پەقەتلا بىر خالاس. پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشنى ئەڭ مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ تونۇپ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىمىزگە خاس تەربىيەلىسەك، پەرزەنتلەرنىڭ كەلگۈسى بىزنى چىن مەنىسىدىن شادلاندۇرالىسا، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ بەخت ئەمەسمۇ. قولۇمدا شۇ تاپتا بىر ئالما بار دەيلى، ئۇنىڭ تەقدىرى پەقەت مېنىڭ قولۇمدا. پەرزەنت تەربىيەسىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش. پەرزەنت تەربىيەسى ۋە باشقا نۇرغۇن ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ئىشلار ئۆز ئىلىكىمىزدە.  ئىلىكىمىزدىكى ئىشلارغا پەرۋاسىز قاراشنىڭ تۈزۈلۈشى ياكى بۇزۇلۇشى تامامەن ئۆزىمىزگە باغلىق بولغىنىغا ئوخشاش. پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىزگە باغلىق.

بايىنغولىن رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

 

مەنبە: تەھرىر: قەلبىنۇر