باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

‹‹ئىنچىكە ھالقا كۆرسەتمىسى››نىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

      مەكتىپىمىزدە ھەربىر سىنىپتىكى دوسكىنىڭ سول يۇقىرى تەرىپىدىكى ‹‹ئىنچىكە ھالقا كۆرسەتمىسى›› ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى بۇ كۆرسەتمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ھەم كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، سىنىپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئوقۇش قوراللىرىنى رەتلىك قويۇش، شامال چىققان كۈنلىرى ئىشىكنى يېپىۋېتىش قاتارلىقنىڭ ھەممىسى ھەر بىر ھەپتىلىك ئىنچىكە ھالقا كۆرسەتمىسىنىڭ مەزمۇنىدۇر.

      بۇ مەۋسۇم ئوقۇش باشلانغاندا بىر قانچە كۈن قاتتىق يامغۇر ياغقاچقا پىيونېرلار ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىراپ كارىدوردا قىستا – قىستاڭچىلىق كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا ‹‹يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئۆزئارا يول بېرىش، كۈنلۈكنى رەتلىك قويۇش›› كۆرسەتمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن يامغۇر ياغقان كۈنلىرى سىنىپنىڭ سىرتىغا رەتلىك تىزىلغان كۈنلۈكلەر مەكتەپتە ئالاھىدە بىر مەنزىرىگە ئايلاندى.

      ‹‹ئىنچىكە ھالقا كۆرسەتمىسى››نىڭ ئۈنۈمى مەكتىپىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئانارلىق باغ ئىنچىكە ھالقا تەربىيەسىنىڭ مېۋىسىدۇر. ئانار ئەتىيازدا ئېچىلغاندىن باشلاپ كۈزدە پىشقانغا قەدەر پىيونېرلار پەقەت يىراقتىن ھوزۇرلىنىدۇ، ھەرقانداق ئوقۇغۇچى ئۆز ئالدىغا باغقا كىرىپ مېۋە ئۈزمەيدۇ. ھەر يىلى ئانار پىشقاندا نۆۋەتچى ئوقۇغۇچى ئۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئۈزگەن ئانارلارنى ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، پىيونېرلار تاتلىق ئانارلارنى يەپ ھوزۇلىنىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر