باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئاڭلىغانمۇسىز

      1. قۇياشنىڭ يەر شارى ئاتموسفېراسىغا كېلىدىغان رادىياتسىيە قۇۋۋىتى 1017 × 1.73 ۋات بولۇپ، ئومۇمىي رادىياتسىيە قۇۋۋىتى (تەخمىنەن 1026 × 3.75 ۋات)نىڭ 2 مىليارد 200 مىليوندىن بىر قىسمىغا تەڭ ئىكەن، يەنى ھەر سېكۇنتتا يەر شارىغا كېلىدىغان ئېنېرگىيە 5 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تەڭ بولىدىكەن.

      2. ئېلىمىز قۇرۇقلۇقى ھەر يىلى ئېرىشىدىغان قۇياش رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسى 2 تىرىليون 400 مىليارد توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تەڭ. ئۈچتىن ئىككى قىسىم دۆلەت زېمىنىغا چۈشىدىغان قۇياش رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسى ھەر كىۋادرات مېتىرنىڭ 6000 مېگا جوئول (6 مىليارد جوئول) دىن، شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ ئېگىز جايلارنىڭ 8400 مېگا جوئول (8.4 مىليارد جوئول) دىن ئاشىدۇ، شۇڭا بۇ جايلار دۇنيادىكى قۇياش رادىياتسىيە ئېنېرگىيەسى ئەڭ مول رايونلار ھېسابلىنىدۇ.

      3. شىمالنىڭ قىش پەسلىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلمىسى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەچكە، ئىسسىتىش ئېنېرگىيەنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى تېجەپ قالىدىكەن.

      4. دېڭىز - ئوكيان ئېنېرگىيەسى ئادەتتە دولقۇن ئېنېرگىيەسى، كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش ئېنېرگىيەسى، تېمپېراتۇرا پەرقى ئېنېرگىيەسى، تۇز پەرقى ئېنېرگىيەسى ۋە ئېقىم ئېنېرگىيەسى قاتارلىق تىرىلمە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا بۇ بەش خىل ئېنېرگىيەنىڭ قايتا ھاسىل بولۇش (تىرىلىش) ئومۇمىي مىقدارى 766. مىليارد كىلوۋاتقا يېتىدۇ.

      5. جۇڭگونىڭ يەر ئاستى ئىسسىقلىق بايلىقى مول، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون 200 مىڭ مېگا ۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %79 ىنى ئىگىلەيدۇ. بىر يىلدا تەبىئىي قويۇپ بېرىلىدىغان ئىسسىقلىق 3.56 مىليارد توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تەڭ بولىدۇ.

      6. ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى يېقىلغۇ گاز، ئېلېكتىر كۈچى ۋە نېفىتنىڭ ئورنىغا بىئوماسسا ئېنېرگىيەسىدىن زامانىۋى پايدىلىنىش تېخنىكىسىنى دەسسىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئېنېرگىيەسى 11 مىليون 850 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيەسىگە تەڭ بولۇپ، 2050 - يىلىغا بارغاندا بىئوماسسا ئېنېرگىيەسىدىن چىقىرىلىدىغان توك 590 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، پۈتۈن يىللىق ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ%4.4 ىنى ئىگىلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان