باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

لېي فېڭ پىيونېرلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات

جاڭ شياۋچۈن

      1. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى تۇرمۇشلاشتۇرۇش كېرەك. ‹‹ئەتراپىمىزدىكى كىچىك لېي فېڭ›› تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ فىلىم ئىشلىگۈچى (مەكتەپ مۇدىرى) بىلەن تۈزگۈچى ۋە رېژىسسورلۇق قىلغۇچى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ: يېڭى ئىدىيە بىلەن لېي فېڭ روھى قايتا تونۇلۇپ، يېڭىچە قاراش نۇقتىسىدىن لېي فېڭ روھى قايتا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق پىيونېرلارغا لېي فېڭ روھىنىڭ ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكى، ھەربىر ئادەمنىڭ ‹‹لېي فېڭ›› بولالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. كەمچىلىكى بار ياكى خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەم بولسۇن ھەممىسى ‹‹لېي فېڭ›› بولالايدۇ. شۇ ئارقىلىق لېي فېڭدىن ئىبارەت بۇ ئۈلگە تۇرمۇشلىشىپ، ئادىمىيلىشىپ، ئاددىيلىشىپ پىيونېرلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ. مەسىلەن، تىياتىردىكى باش پىرسۇناژ ساۋاقداش ۋاڭ شەنشەن كۆپچىلىككە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمەن دەپ باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىشىگە ئۇچرايدۇ؛ بالىلار سۈن مۇمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇپ ئۇنىڭدىن قايتا – قايتا سورىسىمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى دەپ بەرمەيدۇ؛ پىيونېرلار ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ گېزىت ساتىدۇ؛ ‹‹يەتتە رەڭلىك قۇياش نۇر چاچىدۇ››. ‹‹سىز، مەن، ئۇ، بىز ھەممەيلەن كىچىك لېي فېڭ›› ناخشىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لېي فېڭ روھىنىڭ تۇرمۇشلاشقانلىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈردى.

      2. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى دائىمىيلاشتۇرۇپ، لېي فېڭنى مەكتەپتە مەڭگۈ تۇرغۇزۇش كېرەك. ‹‹ئەتراپىمىزدىكى كىچىك لېي فېڭ›› تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنىڭ يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى كۆپ ياكى ئازدىن بولسۇن لېي فېڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرمەي قالمايدۇ. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، ھەتتا پىيونېرلار ئانچە كۆڭۈل قويمايدىغان تۇرمۇش ھالقىلىرى ۋە ئادەتتىكى ئۆگىنىش مۇھىتىغىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. شۇڭا، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى پەقەت 3 –، 4 – ئايدىلا لېي فېڭدىن ئۆگىنىدىغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ بىر يىلنىڭ ھەممە ئېيىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 1992 – يىلى لېي فېڭنىڭ تاش ھەيكىلى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا قويۇلغاندىن باشلاپ لېي فېڭ بۇ جايغا مەڭگۈلۈك ئورۇنلىشىپ، لېي فېڭ روھى مەكتەپتە نۇر چېچىپ، مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار قوغلىشىدىغان نىشان ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قەسىمىگە ئايلاندى. مەيلى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەسلى ۋەقە بولسۇن ياكى ئارتىسلار بولسۇن ئويۇن قويىدىغان ۋاقىتتا داغدۇغىلىق بولۇشنى قوغلاشماي ئەكسىچە بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئاندىن بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، ‹‹ھەر كۈنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش، ھەممە جايدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پۇرسىتى بولۇش››نى ھەقىقىي ئورۇنداپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

      3. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا مەكتەپنىڭ ھەممە جايىدا لېي فېڭ بولىدۇ. ‹‹ئەتراپىمىزدىكى كىچىك لېي فېڭ›› بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشلەر لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە سۈرەتكە ئېلىنغان، چۈنكى بۇ جاي ‹‹مەكتەپنىڭ ھەممە جايىدا لېي فېڭ بولۇش››تەك مەدەنىيەت قائىدە – يوسۇن كەيپىياتىنى ھازىرلىغان. تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مەكتەپتىكى ئەڭ كۆزگە چىلىقىدىغان مەدەنىيەت بەلگىسى لېي فېڭنىڭ تاش ھەيكىلى كۆپ قېتىم كۆرۈنگەن. كىشىلەر تىياتىردىكى كۆرۈنۈشلەردىن پىيونېرلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن لېي فېڭ ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ھۆرمەت سالىمى بېرىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ھۆرمەت مەيدانى بولماستىن بەلكى 1992 – يىلى لېي فېڭنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغاندىن باشلاپ مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى لېي فېڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا سالام بېرىش تۈزۈمىنى ئورناتقان. ھەر كۈنى ئەتىگەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىن كېيىن پىيونېرلارنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى لېي فېڭ ھەيكىلى ئالدىدا ھۆرمەت سالىمى بېرىش. 6 – يىللىقتىكىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندە پىيونېرلار ئانا مەكتىپى بىلەن خوشلىشىش سۆھبەت يىغىنىدا مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە لېي فېڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا قانچە قېتىم سالام بەرگەنلىكىنى ھېسابلايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى پىيونېرلارنىڭ لېي فېڭنى چەكسىز قىزغىن سۆيىدىغانلىقى ۋە ئانا مەكتىپىگە قىيالماسلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ. مەكتەپ بەدىئىي ئۇسۇللار ئارقىلىق پىيونېرلار ئارىسىدا لېي فېڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى 1997 – يىلىدىن باشلىغان. ئۇلار ‹‹ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى يېزىش، ئۆزى ئورۇنلاش›› پىرىنسىپى ئاساسىدا ‹‹لېي فېڭ چاتما ناخشىسى››، ‹‹چاقماق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى››، ‹‹بۇرما مىخ گېزىتى›› قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ناخشا ‹‹لېي فېڭ بىزنىڭ ياخشى ئۆلگىمىز››نىمۇ بالىلار ئۆزى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئوقۇغان. ‹‹لېي فېڭ مەدەنىيىتى›› مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىدە يىلتىز تارتماقتا.

      4. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى قىلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى باشتىن – ئاخىر بالىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دەپ قاراپ كەلدى. 1993 – يىلى مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹بەش ئۆز›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم تەربىيەچىلەر لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ياخشى ئىدىيە يېتىلدۈرىدۇ، ‹‹بەش ئۆز›› بولسا ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان پائالىيەت، ئىككىسى ئايرىم – ئايرىم ئىككى مەسىلە، دەپ قارىدى. يەنە بىر قىسىم تەربىيەچىلەر ‹‹بەش ئۆز›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئەنئەنىسىگە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرىدى. بۇ يېڭى مەسىلىگە قارىتا مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى ‹‹ناۋادا لېي فېڭ ھايات بولسا...›› دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ مۇلاھىزىنى قانات يايدۇردى. پىيونېرلار لېي فېڭنىڭ ھېكايىسى ۋە خاتىرىسىنى قايتا كۆرگەندىن كېيىن لېي فېڭنىڭ تۈەنشەنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا تراكتور، ئەنشەن شەھىرىدە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ھەيدىگەنلىكى؛ گۇڭچاڭلىڭنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشىدا جاپا چەككەنلىكى، ھەربىيلىككە قاتناشقاندىن كېيىن گرانات ئېتىشنى جاپالىق مەشىق قىلغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى كىشىلەرگە لېي فېڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلسا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىدىغانلىقى، ياشاشنى بىلىدىغانلىقى، قابىلىيەتلىك، ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، مەكتەپ ھەر يىلى ‹‹ئارتۇقچىلىققا ئىگە كىچىك لېي فېڭ›› دەپ بىر تۈركۈم پىيونېرلارغا نام بەردى. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ‹‹باتۇر كىچىك يىلپىز››، زېرەك ‹‹كىچىك دوكتۇر››، ئەقىللىق ‹‹ليۇ چۈەنجى››، تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرىدىغان قىز ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى كىچىك بالا›› قاتارلىق ئىسىملار ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغانلىقنىڭ يېڭى ئۇقۇمىدۇر.

      5. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى بالىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىشى كېرەك. مەملىكىتىمىزدىكى ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەر لېي فېڭدىن ئۆگىنىدۇ، چۈنكى ئوبيېكىت، ياش پەرقى ئوخشاش بولمىغاچقا مەكتەپ پىيونېرلارنى تەشكىللەپ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا مۇرەككەپ قىلماسلىقى كېرەك. شىجياجۇاڭ شەھەرلىك لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى بالىلارغا ماس كېلىدىغان، بالىلار ياخشى كۆرىدىغان شەكىللەرنى ئۈزلۈكسىز قوللىنىپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى بالىلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. ئۇلار لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلىرى يېزىپ، ئۆزلىرى سۈرەتكە ئېلىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىگەنلىكى بۇ جەھەتتە دادىللىق بىلەن سىناق قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سىنارىيەنى كۆرۈپ، سەھنە تېكستىنى يادلاپ، پىرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى ئانالىز قىلىپ، تاشقى ۋە ئىچكى كۆرۈنۈشلەرنى قايتا – قايتا سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا پىيونېرلار ئۆزلىرىنىڭمۇ كەسىپى ئارتىسلارغا ئوخشاش ئېكرانغا چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

      كىچىك ئارتىسلار كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلار رىپىتىس قىلىش جەريانىدا ئارتىس بولۇشنىڭ جاپاسىنىڭ تەمىنى تېتىپ، رول ئېلىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئانالىز قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك قىلغاندىن كېيىنكى بەخت ۋە خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلاندى.

      6. لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئۆزلۈكىدىن قىلىدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ، ئاكتىپ پىدائىي بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ھەمىشە تەشكىل ئورۇنلاشتۇرىدىغان ۋە پىلانلايدىغان بولغاچقا پىيونېرلارنىڭ ئاڭلىق قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كەمچىل بولىدۇ. تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ئەتراپىمىزدىكى كىچىك لېي فېڭ›› بىزگە لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنى پىيونېرلارنىڭ روھىي ئېھتىياجىغا ئايلاندۇرۇش، ھەرگىزمۇ تاشقى بېسىمغا ئايلاندۇرماسلىق؛ پىيونېرلارنىڭ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي قىلىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، چىن كۆڭلىدىن قىلىدىغان ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەسىلەن، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئەسلىدە گېزىت ساتقۇچى بالىنىڭ ئاپەت رايونىغا ئىئانە توپلاش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كۆرۈنۈشى يوق ئىدى، ئەمما كىچىك باش پىرسۇناژ جەنۇبىي جۇڭگودا سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاپەت رايونىدىكى كىچىك ھەمراھلىرىغا، ئاتا – ئانىسى بەرگەن پۇلنى ئىئانە قىلغاندىن ئۆزى گېزىت سېتىپ تاپقان پۇلىنى ئىئانە قىلىپ ياردەم قىلغاننىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا ئەترەتتىكى بارلىق پىيونېرلار بىرلىكتە ھەرىكەتلەندى. بۇ خەير – ساخاۋەتكە ئاتاپ گېزىت سېتىپ ئاپەت رايونىدىكى كىچىك ھەمراھلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلىرىنى پىيونېرلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئاكتىپلىق بىلەن قىلغان بولۇپ باشقىلار قۇماندانلىق قىلمىغان، مانا بۇ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقىدۇر.

      ‹‹يەتتە رەڭلىك قۇياش نۇرى چاقنىماقتا. شامال چىقماقتا، يامغۇر ياغماقتا، يامغۇردىن كېيىن ھەسەن – ھۈسەن چىقىدۇ. سىز، مەن، ئۇ، بىز ھەممەيلەن كىچىك لېي فېڭ›› تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ناخشىلار لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە بۇرۇن ئوقۇلغان، كىچىك لېي فېڭنىڭ يۈرەك ساداسىنى، قىزىل گالىستۇكنىڭ ئىرادىسىنى، بولۇپمۇ لېي فېڭ روھىنىڭ مەڭگۈلۈك ۋە شانلىق پارلاق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر