باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېرنىڭ خاس تىلى بارمۇ

      كومپيۇتېر ‹‹ئىككىلىك سىستېمىسىدىكى سان››لارنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ، ‹‹ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقلىرى›› ئەڭ ئاساسىي كومپيۇتېر تىلى ھېسابلىنىدۇ.

      بىز ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەشتە ‹‹ئونلۇق سىستېما››نى قوللىنىمىز، يەنى 0 دىن 9 غىچە بولغان ئون رەقەم ئارقىلىق سانلارنى خاتىرىلەيمىز ۋە ھېسابلايمىز، ھەر ئونغا توشقاندا ئالدىغا بىر خانە سۈرىمىز. ئەمما، ئىككىلىك سىستېمىدا پەقەت 0 بىلەن 1 دىن ئىبارەت ئىككىلا سان بولۇپ، ھەر ئىككىگە توشقاندا ئالدىغا بىر خانە سۈرۈلىدۇ.

      كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئىككىلىك سىستېمىدىن پايدىلىنىپ پىروگرامما تۈزگەن. ئىككىلىك سىستېما 0 بىلەن 1 دىنلا تۈزۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئىنتايىن قىيىن، شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر نىسبەتەن ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغان‹‹ئاسسېمبل تىلى›› نى لايىھەلەپ، پىروگرامما تۈزگەن، ئاندىن يەنە ‹‹ئاسسېمبل پىروگراممىسى››نى ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقىغا تەرجىمە قىلىپ، كومپيۇتېردا ئىجرا قىلدۇرغان.

      ھازىر كىشىلەر تېخىمۇ ئىلغار بولغان كومپيۇتېر تىلى — ‹‹ئالىي دەرىجىلىك تىل››دىن پايدىلىنىپ پىروگرامما تۈزىدىغان بولدى. كىشىلەر ئالىي دەرىجىلىك تىلنى ئىنگلىز تىلى ۋە ئارىفمېتىكىلىق ئىپادىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئوڭاي چۈشىنەلەيدۇ. كومپيۇتېر ‹‹ئالىي دەرىجىلىك تىل››دىن پايدىلىنىپ تۈزۈلگەن پىروگراممىنى ئىجرا قىلغاندا شۇنىڭغا ماس ‹‹تۈزۈش ۋە تەرجىمە قىلىش پىروگراممىسى›› ئۇنى ئىككىلىك سىستېما بۇيرۇقىغا تەرجىمە قىلسىلا كۇپايە. ئالىي دەرىجىلىك تىلنىڭ تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، دائىم ھەل بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا لايىھەلىنىدۇ. ھەربىر تۈرنىڭ خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچىمى ۋە شەكلى بولىدۇ، كۆپ ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىنCOBOL, FORTRAN,BASIC  قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مىھراي