باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغا

      بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ھەربىرىمىزنىڭ مۇنداق بىر ‹‹بانكا››مىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ‹‹ۋاقىت››.

      ھەر كۈنى ئەتىگىنى ‹‹ۋاقىت›› بانكىسى ھېساباتىڭىزغا ئاپتوماتىك ھالدا 86 مىڭ 400 سېكۇنت ئامانەت قويىدۇ، كەچ كىرىشى بىلەن ئۇ يەنە ئاپتوماتىك ھالدا سىزنىڭ بىكار ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئەتىگە بىر سېكۇنتمۇ قالدۇرمايدۇ. سىزمۇ ئالدىن ۋاقىت ئاجرىتىۋېلىشقا ئامالسىز.

      ئەگەر سىز ۋاقىت ئامانىتىنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمىسىڭىز زىيانغا ئۆزىڭىز ئىگە. سىز چوقۇم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر بولۇپ ئۇنىڭغا ساغلاملىقنى، خۇشاللىقنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك. ۋاقىت توختىماستىن ئايلىنىپ تۇرىدۇ. تىرىشچانلىق سىزنىڭ ھەربىر بۈگۈنىڭىزنى مول ھاسىلاتقا ئىگە قىلىدۇ.

      بىر يىلنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز لاياقەتسىز بولۇپ قېلىپ قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىدىن سوراڭ؛ بىر ئاينىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز بەختكە قارشى بالدۇر تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراڭ؛ بىر ھەپتىنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ھەپتىلىك گېزىتنىڭ مۇھەررىرىدىن سوراڭ؛ بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز پويىزغا كېچىكىپ قالغان يولۇچىدىن سوراڭ؛ بىر سېكونتنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۆلۈمدىن ئامان قالغۇچىدىن سوراڭ؛ بىر دەقىقىنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئالتۇن مېدالنى قولدىن بېرىپ قويغان يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسىدىن سوراڭ؛ ئىشقىلىپ بۇ ‹‹بانكا››نىڭ ئامانىتىنى قەدىرلەڭ؛ ئېرىشكەن گۈزەل ۋاقىتلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ، بولۇپمۇ بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر بىلەن بۇ ۋاقىتتىن تەڭ بەھرىلىنىڭ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مىھراي