باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ئەينەك ئىستاكان ئەڭ ياخشى تاللاش

      كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا داتلاشماس پولات ئىستاكان، چىنە ئىستاكان، بىر قېتىملىق قەغەز ئىستاكان، سولياۋ ئىستاكانلار ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما، بۇ ئىستاكانلارغا ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى قاچىلىغاندىكى ئۆزگىرىش ئوخشاش بولمايدۇ.

      ئەينەك ئىستاكان ئەڭ بىخەتەر بولۇپ تەركىبىدە زەھەرلىك ئېغىر مېتال ۋە ئورگانىك خىمىيەلىك ماددىلار بولمايدىكەن. ئەينەك ئىستاكانغا ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى قاچىلىغاندا زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەينەك ئىستاكان سۈزۈك بولغاچقا تازىلاشمۇ قولايلىق بولىدىكەن.

      داتلاشماس پولات ئىستاكان بىرلەشمە مېتالدىن ياسىلىدىكەن، توغرا ئىشلەتمىسە تەركىبىدىكى ئېغىر مېتال ماددىلار ئاجرىلىپ چىقىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىكەن. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئىستاكاننى ئىشلەتكەندە چۈچۈمەل ئىچىملىكلەرنى قاچىلىماسلىك كېرەك. مەسىلەن، مېۋە شەربىتى، قەھۋە قاتارلىقلار، بۇ خىل ئىستاكاننى تازىلىغاندا ئوكسىدلىنىشى كۈچلۈك بولغان سودا سۈيى، ئاقارتقۇچى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چۈنكى، بۇ خىل مەھسۇلاتلار داتلاشماس پولات بىلەن بىرلىشىپ خىمىيەلىك ئىنكاس قايتۇرىدىكەن.

      چىنە ئىستاكان تەركىبىدە ئاليومىن قاتارلىق ئېغىر مېتال ماددا تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنداق ئىستاكانغا قايناق سۇ، چۈچۈمەل ئىچىملىك ياكى بىرقەدەر تۇزلۇق بولغان ئىچىملىكلەرنى قاچىلىغاندا، بۇ خىل زىيانلىق ماددىلار ئاسان ئېرىيدىكەن، شۇڭا چىنە ئىستاكانلارنى سېتىۋالغاندا لېيىنىڭ سىلىق بولۇشىغا قاراش كېرەك ئىكەن. چىنە ئىستاكاننىڭ لېيى ئېگىز – پەس بولسا سېتىۋالماسلىق كېرەك ئىكەن.

      سولياۋ ئىستاكان تەركىبىدىكى بىر قىسىم زىيانلىق ماددىلار ئىسسىق مۇھىت بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسانلار ئاجرىلىپ چىقىدىكەن، شۇڭا سولياۋ ئىستاكانغا قايناق سۇ، قىزىق ئىچىمىلىكلەرنى ئامال بار قاچىلىماسلىق كېرەك. شۇنداقلا سولياۋ ئىستاكاننى توڭلاتقۇغا ئۇزۇن ۋاقىت قويۇپ قويسا تۆۋەن تېمپېراتۇرا سولياۋ ئىستاكاننى قاتۇرۇپ قويىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا سولياۋ ئىستاكان ئاسان مىكروبلىنىدىكەن، شۇڭا تازىلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر