باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارغا چىش قامىقى قاپلاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كىرەك

      بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئىرسىيەت، ئىچكى ئاجرالمىلار توسالغۇغا ئۇچراش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ناچار بولغان ئېغىز بوشلۇقى ئادەتلىرى قاتالىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئۇلارنىڭ چىش، ئېغىز، يۈز شەكلىدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر كېلىپ چىقىدۇ. مەسلەن، چىشى رەتسىز، ئاستى-ئۈستى چىشلىرىنىڭ ئەگمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بىنورمال بولۇش قاتارلىق.

      ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ چىشىنىڭ كۆركەم، رەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا چىش قامىقى قاپلىتىدۇ. ئۇنداقتا چىش قامىقى قاپلاتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

      بالىلارنىڭ چىشى چۈشۈش مەزگىلىدە ئالدى چىشى ھەددىن زىيادە ھىڭگاڭ بولۇپ قالسا، چىشىغا چىش قامىقى قاپلىتىش كېرەك. قىزلار 12 - 13 ياشتا، ئوغۇللار 13 - 14 ياشتا چىش قامىقى قاپلاتسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا چىش قامىقى قاپلاتقاندا ئېغىز تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن.

      چىش قامىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئوق قازان قەپىسىنى ئالدىنقى بىر يىلدا 42 سائەت تاقىشى، تاماق يېگەندە ئېلىۋېتىشى، كېيىنكى بىر يىلدا كەچتە تاقاپ يېتىشى ھەمدە يېرىم يىلدا بىر دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈشى كېرەك ئىكەن.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان