باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېر خىزمەت قىلىۋاتقاندا توك توختاپ قالسا بولامدۇ

      كومپيۇتېر ‹‹ئېلېكتىرونلۇق مېڭە›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، ئېلېكتىر مەنبەسىنىڭ توك بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجلىق. ئەگەر توك بولمىسا، كومپيۇتېر ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. بىراق، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا، بەزىدە تۇيۇقسىز توك توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، كومپيۇتېر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئىنتايىن چوڭ زىيان كېلىپ چىقىدۇ.

      ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا كىشىلەر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقاندا توك توختاپ قالسا، توك كەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى مەشغۇلاتلىرىنى ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ قايتىدىن ئېلىپ بېرىپ، يوقىلىپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنى يېڭىۋاشتىن تولۇقلىسىلا بولىدۇ. بىراق، بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا توك توختاپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ. مەسلەن، كومپيۇتېر ئارقىلىق كونترول قىلىىنىدىغان داۋالاش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاۋاتقان ۋاقىتتا، توك توختاپ قالسا، داۋالاشتا ئاۋارىگەرچىلىك كېلىپ چىقىدۇ؛ بانكا، ئاكسىيە بازىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىلىرىنىڭ تورلاشقان كومپيۇتېرىدا توك توختاپ قالسام قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ، زور ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلىدۇ؛ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى قاتارلىق ئالەم قاتنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي ئىشلار سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېرىدا توك توختاپ قالسا، زور ھادىسە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

      ئۇنداقتا، توك توختاپ قالغان ۋاقىتتا، كومپيۇتېرنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ‹‹ۋاقىتلىق ئېلېكتىر مەنبەسى›› بارمۇ؟ بار، بۇ خىل ئېلېكتىر مەنبەسى UPS (ئۈزۈلمەس ئېلېكتىر مەنبەسى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېلېكتىر مەنبەسى تۇراقلىق بولمىغاندا ياكى توك توختاپ قالغاندا، كومپيۇتېرنى ئاپتوماتىك ھالدا توك بىلەن تەمىنلەپ، كومپيۇتېرنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئادەتتە توك بىلەن تەمىنلەش نىسبەتەن تۇراقلىق بولغان شەھەر، رايونلىرىدا، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلاردا UPS بولمىسىمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي