باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئەتتىرگۈل قىيىقچا تەييارلاش ئۇسۇلى

      خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم 16 دانە، ئاق شېكەر 100 گرام، سۇ ماي 3 كىلوگرام ئەتراپىدا (خورايدىغىنى بىر جىڭ).

      ئېتىش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن ئۇنغا ئاز - ئازدىن تۆكۈپ باشقا ھېچقانداق نەرسە ئارىلاشتۇرماستىن نورمال چىڭلىقتا خېمىر يۇغۇرىمىز، 10 - 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، ياڭاق چوڭلۇقىدا ئۇششاق زۇۋۇلا ئۈزۈپ بىردىن - بىردىن تەكشى ھەم نېپىز يايىمىز، چوقۇم يۇمىلاق چىقسۇن. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەتراپىنى چوڭراق چىشلىق غالتەكسىمان كەسكۈچ بىلەن گۈل چىقىرىپ كېسىۋالساق كۆركەم چىقىشقا پايدىسى بار. قازانغا ماي قۇيۇپ ياخشى داغلاپ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، يېيىپ تەييارلىغان خېمىرنى قىززىق مايغا سالساق ۋىژىلداپ چېچەكلەيدۇ (قاتۇرىۋەتمەڭ)، مايدا ئۇزاق تۇرغۇزمايلا يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن سۈزىۋالىمىز - دە، دەرھال قاتلاپ ئۈستىگە شېكەر سېپىپ يېرىم ئاي شەكلىدە قاتلايمىز، يەنە شېكەر سېپىپ بىر تەرىپىدىن باشلاپ يۆگىسەك كونۇس شەكلىگە كېلىدۇ. ئاشۇنداق بىر - بىرلەپ پىشۇرۇپ باسۇن تەخسىنىڭ ئەتراپىنى بويلىتىپ تىزىمىز (ئوتتۇرىسىغا بىر چىنە كۆمتۈرمىسەك ياخشى تىزىلمايدۇ)، ئىككىنچى قاتارنى سەل ئىچكىرى تىزىمىز، ئۈستىگە چىققانچە ئوتتۇرىغىراق تىزىپ تولدۇرساق خۇددى بىر دەستە سېرىق ئەتتىرگۈلدەك كۆرۈنىدۇ.

      ئەسكەرتىش: قېيىقچا قازاندا قېتىۋالسا ياكى ئالغاندىن كېيىن قۇرۇپ قالسا قاتلاش قىيىن بولىدۇ، شۇڭا مايغا سېلىپ ھۈنجۈ سالغاندىن كېيىنلا دەرھال سۈزىۋالىمىز. پىشماي قېلىشتىن ئەنسىرىمەڭ، چۈنكى جىلىتنى ھەم تەكشى ھەم نېپىز ئېچىۋالىسىز.

      ئالاھىدىلىكى: تەمى تاتلىق، چۈرۈك، رەڭگى سۇس سېرىق، شەكلى كۆركەم بولۇپ ھېيتلىق داستۇرخىنىڭىزنىڭ كۆركى بولالايدۇ.

 

مەنبە: ئاشپەز تورى تەھرىر: ئاينۇر