باش بەت | پىسخىكا

قانداق قىلغاندا بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ

      مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن يىل تەتقىقات قىلىش ئارقىلىق، بالىلىق دەۋرنىڭ ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى، ياخشى - يامان ئادەتلەرنىڭ ئاساسەن مۇشۇ مەزگىلدە شەكىللىنىدىغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

      ئۇنداقتا، بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشتە قايسى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟

      ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىدە ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئاتا - ئانىنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمىسا، پىسخىكىسى ساغلام پەرزەنت يېتىلدۈرەلىشى تەس. بەزى ئاتا - ئانىلار ھەمىشە بالىلىرىنىڭ رايىغا بېقىپ، نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قاراپ چوڭ قىلىدۇ. بۇنداق قىلىنسا بالىلار ئەركە، ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىۋالىدىغان، مەنمەنچى، شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئامراقلىق چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

      بالىلار ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا ئاتا - ئانىسىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرايدۇ، ئاتا - ئانىلىرىنى ھەممە ئىشتا ئۈلگە قىلىدۇ. ھازىر كۆپ قېسىم ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۆيدە تېلېۋىزورنىمۇ قويمايدۇ، بالىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلەپ بولغىچە يېنىدا ئولتۇرىدۇ. بۇنداق قىلىنسا بالىلار ئۆگىنىشتە تېز ئالغا باسىدۇ. لېكىن بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى باھانە قىلىپ، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە دېگەندەك كۆڭۈل بۆلەلمەيدۇ، بۇنداق ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى تازا ياخشى بولمايدۇ.

      نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، بالىلارنى ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىماسلىق، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلار مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇق يۈكى ئاز كەلگەندەك بالىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئاشسۇن، دەپ بالىلىرىنىڭ تەبىئىي تالانتى، ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارنى زورمۇ زور تۈرلۈك كۇرۇسلارغا بېرىدۇ. بۇنىڭدا بەزى بالىلار ئاز - تولا بىر نېمە ئۆگىنىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىققان بىلەن، نۇرغۇن بالا بۇنىڭدىن بېسىم ھېس قىلىدۇ. بۇمۇ بالىلاردا ناچار پىسخىك ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، قىزىقىشىنى ئاساس قىلىش كېرەك، تاشنى تاياققا تاڭغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بالىلارنى بالىلار باغچىسى، ھايۋانات باغچىسى، مۇزىي، كۈتۈپخانا، كىتابخانىلارغا پات - پات ئاپىرىپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق.

      ئاتا - ئانىلار ئائىلىدە كۆيۈمچان، ئېغىر - بېسىق بولۇشى، ھە دېسىلا ئۇرۇش - تالاش قىلماسلىقى لازىم، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇشماسلىقى، ئائىلە مۇھىتى بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان