باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

رەسساملىق ئىشقى

      ئايشەمگۈل جاپپار

      6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى كۇچا ناھىيەسى ئالاقاغۇ بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئېرپانجان ئېلى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز كۈن بولدى. چۈنكى، بۇ كۈنى مەكتەپ بىلەن يېزا تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىپ ئېرپانجان ئېلىنىڭ بۇ يىل 5 – ئايدا سىچۈەندە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ‹‹يەر شارى، مۇھىت›› تېمىسىدىكى ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىم، ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى؛ مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك ‹‹بالا چولپان لوڭقىسى››نى تالىشىش ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىم، ھۆسنخەت، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى ۋە 6 – نۆۋەتلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتلىقلارنى تاللاش مۇسابىقىلىرىدە ‹‹كەلگۈسىدىكى ئاي شارى››، ‹‹مېنىڭ ئانام›› ناملىق رەسىم، ‹‹ساغلام تەندە ساپ ئەقىل››، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ›› ناملىق ھۆسنخەت قاتارلىق 22 پارچە ئەسىرىنىڭ بەش پارچىسى ئالتۇن مېدال، توققۇزى كۈمۈش مېدال، يەتتىسى مىس مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ تەقدىرلىدى. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقوتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار قىزغىن ئالقىش ياڭرىتىپ ئېرپانجاننىڭ نەتىجىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى.

      ئېرپانجان كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن بولۇپ بىكار تۇرماي رەسىم سىزاتتى. بالىلار باغچىسىدا باشقا بالىلار ئوينىسا ئۇ سىنىپنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىۋېلىپ دەپتىرىگە ھەر خىل قونچاقلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزاتتى. ھە دېسىلا دادىسىدىن: ‹‹دادا، راكېتانى قانداق ياسايدۇ؟ ماڭا راكىتا سىزىپ بېرە، ئاي شارىغا قانداق چىقىدۇ؟›› دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ ئارام بەرمەيتتى. گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن دادىسى ئوغلىنىڭ رەسىم سىزىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ ئوغلىغا ھەرخىل رەسىملىك كىتاب، قەغەز، بوياقلارنى ئېلىپ بەردى. رەسىم سىزىشنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.

      ئېرپانجان مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن دادىسى ئۇنىڭغا جىسىم ۋە مەنزىرىلەرنى قانداق سىزىش، ئادەملەرنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، رەڭلەرنى قانداق ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئېرپانجاننىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىشى تېخىمۇ ئېشىپ ھەر خىل رەسىملەرنى خېلى ئوبدانلا سىزالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ئۇ مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت كۇرۇژۇكىغا قاتنىشىپ سۇ بوياق، ماي بوياق، تېز سىزما قاتارلىق رەسىملەرنى سىزىش، ھۆسنخەت يېزىش جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ماھارەت يېتىلدۈردى. نەتىجىدە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىدە ئۇنىڭ رەسىم ۋە ھۆسنخېتى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى‹‹ گېزىتىدە ‹‹يۇرتۇمنىڭ چىلىنى›› ناملىق رەسىمى بىلەن ‹‹مېنىڭ بىر كۈنۈم›› ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ‹‹ئېگىز بىنادىن ئايغا چىقىش››، ‹‹كەلگۈسىدىكى ئاي شارى››، ‹‹ئوخشىغان تاۋۇز››، ‹‹مېنىڭ ئىستاكىنىم››دىن ئىبارەت تۆت پارچە ئەسىرى ‹‹تارىم غۇنچىلىرى››نىڭ 2010 – يىللىق 4 – سانىدا ئېلان قىلىندى.

      ئېرپانجان سىنىپتا ئەخلاقلىق، ئىنتىزامچان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئوقۇغۇچى بولغاچقا بۇ يىل 6 – ئايدا يېزا بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر پىيونېر›› بولۇپ باھالاندى.

سۈرەتتە: ئېرپانجان ئۇستازلىرى بىلەن بىللە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر