باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يازدا چاچنى كۆپ يۇماسلىق كېرەك

      يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا چاچ تۆشۈكچىلىرى ئاسان ئېچىلىپ، ئاجرىتىپ چىقىرىلىدىغان ماي كۆپ بولىدۇ. ئاجرىتىپ چىقىرىلغان ماي زىيادە كۆپ بولغاندا، تۈك خالتىسى بېسىلىپ ياپىلاقلىشىپ، چاچ يىلتىزى بوشاپ، چاچ ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يازدا قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئوخشاشلا چاچ زەخىملىنىش بىلەنمۇ چاچ چۈشۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      چاچ تېرىسى ئۈستىدە بىر قەۋەت ئاسرىغۇچى پەردە بار. ئۇ كەم بولسا بولمايدىغان چاچنى ئاسرىغۇچى مايدۇر. ئەگەر چاچ كۆپ يۇيۇلسا ئاسرىغۇچى پەردە يوقىلىپ، باش تېرىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ.

      چېچى شالاڭ كىشىلەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم چېچىنى يۇيۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، چاچنى يۇيغاندا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئادەتتىكى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش كېرەك. دائىم كۈچلۈك كىر چىقارغۇچى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندە باش تېرىسىدىكى ماينىڭ تەڭپۇڭلىقى يوقىلىدۇ.

     چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى باشنى كۆپ ئۇۋۇلاپ بېرىش، يەنى ئاخشىمى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال، بارماق بىلەن باشنىڭ ئالدىدىن كەينىگە، سولدىن ئوڭغا يېنىك چېكىش ۋە بېسىپ ئۇۋۇلاش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. مايلىق يېمەكلىكلەر كۆپ ئېستىمال قىلىنسا باش تېرىسىدە ماي پەيدا قىلىدۇ، تاتلىق يېمەكلىك كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئاجرىتىپ چىقىرىلغان ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر