باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئانا سەھرا

ئانا سەھرا

(نەسر)

ئەيساجان كامىل

      گۈزەل قىشلاق، كۆپكۆك چىمەنزارلىق، سۇلىرى ئەلۋەك، ھاۋاسى ساپ گۈزەل ئانا سەھرايىم، سېنىڭ باغرىڭ نەقەدەر ئىللىق – ھە! قوينۇڭدا ساپ ھاۋايىڭدىن نەپەسلىنىپ، زۇمرەتتەك سۇلىرىڭنى ئىچىپ، گۈزەل يايلاقلىرىڭدا قىيغىتىپ چەكسىز مېھرىڭدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندىم. ئادىمىيلىك مىزانلىرىغا تويۇنۇپ گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈردۈم. ۋۇجۇدۇڭدىن پۈتمەس – تۈگىمەس ئوزۇق ئالدىم. ھەر كۈنى تاڭ سەھەردىكى قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، خورازلارنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقانلارنى ئويغىتىپ چىللاشلىرى، مېھنەتكەش دېھقانلىرىمىزنىڭ ياڭراق ئەمگەك ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنساندەك ھېس قىلىمەن.

      ئېھ، ئانا سەھرايىم، سەن شۇنچىلىك گۈزەل، سۆيۈملۈكسەن، سېنىڭ پەرزەنتىڭ بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.

(ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

يېتەكچى: گۈلباھار مۇھەممەت

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مېھراي