باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

بالىلار ئويۇنى ــ پۈتەك ۋە چاچتەڭگە سېلىش

      خەلقىمىز قەدىمدىن مەدەنىيەت ـ سەنئەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تېبابەتچىلىك، تېرىقچىلىق،  باقمىچىلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بەلۋېغىدا ئاجايىپ گۈزەل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان. خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى پەسىل، ئورۇن ـ جاي ۋە ياشاش مۇھىتىغا قاراپ ھەر خىل تەرىزدە تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. خەلقىمىز ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئەنە شۇ پەسىل ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

      نورۇز ئايلىرى كىرىپ (مىلادى ھېسابىدا 3 - ئاي) ئىللىق ھاۋا تەپتىدە قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان جاھان ئاستا ـ ئاستا ياشىرىشقا باشلىغاندىلا، تۇرمۇشىمىزدا بىر يىللىق ھاياتنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىجادىي مېھنەتلىرى بارلىققا كېلىدۇ. جۈملىدىن يېزىلاردا بالىلار ئەمدىلا بىخلىغان سۆگەت تاللىرىنىڭ چاشقانقۇلاق بولۇشتىن ئىلگىرىكى نوتىلىرىدىن ‹‹پى ـ پى›› ياساپ ئوينايدۇ. بۇنى كۇچا، توقسۇ، شاياردا پۈتەك دەپ ئاتىسا، بەزى جايلاردا ‹‹بوت ـ بوت›› دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن تارتىپ بىر غېرىچ، تۆت ئىلىك ھەم كالپۇك كەڭلىكى شەكلىدە ھەر خىل بولىدۇ ھەم توم ـ ئىنچىكە، ئۇزۇن ـ قىسقىلىقىغا قاراپ ئاۋازىمۇ بوم ـ زىل چىقىدۇ. پۈۋلەش ئارقىلىق نەيگە ئوخشاش تولىمۇ مۇڭلۇق سايرايدىغان بۇ ئويۇنچۇق بالىلارنىڭ قۇۋناق ئوينىشىدىكى ھەم ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشىدىكى ئوبدان سەھنە ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەيتتە يەنە قىزلارمۇ تال نۇتىلىرىدىن تۆت تال، يەتتە تال، توققۇز تال ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆرۈلگەن ‹‹چاچ›› ياساپ، دوپپىلىرىنىڭ ئاستىغا ئاۋايلاپ باستۇرۇپ ئويناپ، باھار تەنتەنىسى قىلىشىدۇ. بۇ ‹‹چاچتەڭگە›› ياكى ‹‹جالا سالدى›› دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتەك ئېتىپ ئويناپ تايچاقتەك قىيغىتىپ كوچىغا چىققان ئوغۇللارنىڭ قىيا ــ چىياسىغا ئەگىشىپ چاچتەڭگە (جالا) سېلىشى ماھىيەتتە شۇ يۇرت ـ مەھەللىنىڭ باھار مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، باھارلىق ئىش ـ كۈشلەر، تېرىلغۇ باشلىنىدىغان پەيتتۇر. بۇ يەنە بىر جەھەتتىن بالىلارنىڭلا ئىشى (ئويۇنى) بولماستىن، يۇرت خەلقىنىڭ بېرىش ــ كېلىش، ئەپۇچانلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۆملۈك مەدەنىيىتىنىڭ باشلانمىسىدۇر. چۈنكى، شۇ كۈنلەردىن باشلاپ يېڭى ئۆي سېلىش، بوز يەر ئېچىش، باغباران ئەھيا قىلىش، ئېرىق ـ ئۆستەڭلەرنى تازىلاش، قىر ـ توسمىلارنى ياساش قاتارلىق ئېغىر، كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار يۇرت ئەھلىنىڭ ئۆملۈك ــ ھەمكارلىقىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

      بالىلارنىڭ شۇنداق ئويۇنلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا چوڭلار پوستى سويۇلغان چىۋىقتىن چويلا، قوشۇقلۇق، قاسقان، تۇۋاق، تەۋەڭ، سېۋەت، زەمبىل توقۇپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. بۇ ئىشلار بىلەن تەڭ ئېرىق ــ ئۆستەڭلەر رەتلىنىپ، بۇلاقنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، قىشتىن بۇيانقى توپا ــ چاڭ، ئەخلەت ـ چاۋالار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ - دە، مەھەللە پاكىز تۈسكە كىرىدۇ. كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىشقا تەييارلىق كۆرۈلىدۇ ھەم دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا رەسمىي تۇتۇش قىلىنىدۇ.

      پۈتەك (پى - پى) ئويناش، جالا سېلىشنىڭ خاسىيىتى شۇ مەزگىلدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ، مامكاپ گۈللىرى يەردىن باش چىقىرىپ، بىدە كۆكلەشكە باشلىغاندا ئاندىن بۇ قىزغىنلىق بىر ئاز پەسكويغا چۈشىدۇ. ئالاھازەل 20 ـ 25 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ ئويۇن بىر جەھەتتىن بالىلارغا ئىجادچانلىق، تەبىئەتنى سۆيۈش، ئۆملۈك تۇيغۇسى بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدىنى كۈچ ــ قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئېڭىنى ئۇرغۇتىدۇ.

      ئومۇمەن، ئوغۇللاردىكى پۈتەك ئويناش بىلەن قىزلاردىكى چاچتەڭگە (جالا) سېلىش قەدىمدىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتكە سېغىنىش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئېڭى ۋە روھىنى يېتىلدۈرگەن تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر