باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالىلارنى تەربىيلەشتىكى پايدىلىق نۇقتا

      ئەگەر بالىڭىزنى تەربىيىلەشتىن قانائەت ھاسىل قىلاي دېسىڭىز، ئامېرىكا ئالىمى دەيۋى لۇيىنىڭ تۆۋەندىكى تەكلىپلىرىگە قۇلاق سىلىڭ:

      1. بالىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق سوئاللارغا سەۋىرچانلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىڭ.

      2. بالىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ۋە كۆز قاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

      3. بالىڭىزغا بىر كۆرگەزمە تاختىسى تىكلەپ بېرىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئۇ ئۆزى ياسىغان نەرسىلەرنى كۆرگەزمە قىلسۇن.

      4. بالىڭىزنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىلا، ئۇنى ئۆي ئىچى ياكى شىرە ئۈستىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىمەڭ.

      5. بالىڭىزغا بىرەر ئېغىز ئۆي ياكى ئۆينىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇنى زېھىن ئاچىدىغان ھەرخىل ئويۇنچۇقلار بىلەن تەمىنلەڭ.

      6. بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئوماقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇڭ ھەمدە ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ.

      7. بالىڭىزغا چامى يېتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇڭ.

      8. بالىڭىزنىڭ شەخسىي پىلان ۋە پىلاننى ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىڭ.

      9. بالىڭىزنى ئۇ قىزىقىدىغان جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىڭ.

      10. بالىڭىزنى تاپشۇرۇقلىرىنى ئۆزى تۈزىتىشىگە رىغبەتلەندۈرۈڭ.

      11. بالىڭىزنىڭ ئوخشىمىغان تەبىقە ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن نورمال باردى - كەلدى قىلىشىغا يول قويۇڭ.

      12. مۇۋاپىق ھەرىكەت ئۆلچىمى تۈزۈپ، بالىڭىزنى شۇ ئۆلچەم بويىچە ئىشلەيدىغان قىلىڭ.

      13. بالىڭىزغا ھەرگىز باشقا بالىلارنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى ئېيتماڭ.

      14. بالىڭىزنى ھاقارەتلەش، كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش بىلەن جازالىماڭ.

      15. بالىڭىزنى كىتاب ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشتە، ئۇنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشىنى مەقسەت قىلىڭ.

      16. بالىڭىزنىڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىشىغا يول قويۇڭ.

      17. بالىڭىزنىڭ ئازراق بىر نەرسە ئوقۇشى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىڭ.

      18. بالىڭىزدا كىچىكىدىن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.

      19. بالىڭىزنى ھېكايە ئوقۇشقا، فانتازىيە توقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ.

      20. بالىڭىزنىڭ شەخسىي تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

      21. ھەركۈنى ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن ئايرىم بىرگە بولۇڭ ھەم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سېلىڭ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان