باش بەت | مەكتەپلەر

فۇجيەن ئۆلكىسى ‹‹تۇڭئەن›› 1 - ئوتتۇرامەكتىپى

      ‹‹تۇڭئەن›› 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى 1924 - يىلى قۇرۇلغان، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى 1 - دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن ئوتتۇرا مەكتەپ. بۇ مەكتەپ شيامىن شەھىرىنىڭ ‹‹تۇڭئەن›› مەدەنىيەت - ساياھەت رايونىغا جايلاشقان، مەكتەپنىڭ كۆلىمى 512 مو، مەكتەپ قورۇسى كۆركەم، مەنزىرىسى گۈزەل. مەكتەپنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئۆلكە بويىچە 1 - دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن. مەكتەپ مەركەز ۋە فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2007 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان، ھازىر بۇ مەكتەپتە تۆت سىنىپتا شىنجاڭلىق 200غا يېقىن ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا.

      مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۈك، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى، غوللۇق ئوقۇتقۇچى، ئىلىم - پەن يېتەكچىسى ۋە كەسىپ تېخنىك ئىختىساسلىرىدىن بولۇپ 51 كىشى بار، ئالىي ئوقۇتقۇچىدىن 68سى، ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىدىن 30ى بار.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىناق راۋاجلاندۇرۇش››نى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى قىلىپ، ‹‹ئىناق تەلىم - تەربىيە››دىن ئىبارەت ئومۇمىي ئىسلاھات لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەكتەپ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە قوللاپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتى.

      مەكتەپ ئىناق جۇڭگو ــــ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بويىچە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى يېڭىلىق ياراتقان 100 مۇنەۋۋەر مەكتەپنىڭ بىرى، مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن، جۇڭگو ئىجادىي مائارىپ بويىچە تەجرىبە بازىسى، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسىدىكى ئىلغار ئورۇن، مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە ئەنئەنىۋى تۈرىدىكى ئىلغار مەكتەپ قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان