1. كالمېت - گۋېرىن ۋاكسىنىسى: تۇبېركۇليوز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ(بىرلا قېتىم ئەملىنىدۇ). ئەملىنىش ۋاقتى: بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەتتىن 48 سائەت ئىچىدە بولىدۇ. ئالدىنى ئېلىش مۇددىتى: بەش يىلدىن 15 يىلغىچە.
2. B تىپلىق جىگەر ۋاكسىنىسى: بۇB تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ (جەمئىي ئۈچ قېتىم ئەملىنىدۇ). ئەملىنىش ۋاقتى: 1-قېتىملىقى بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە، 2 -، 3 - قېتىملىقى بىر ئايلىق ۋە ئالتە ئايلىق بولغاندا ئەملىنىدۇ. كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە.
3. يۇلۇن سېنىرىيە ياللۇغى ۋاكسىنىسى: ئەملەش ۋاقتى: ئىككى، ئۈچ، تۆت ئايلىق بولغاندا ۋە تۆت ياشقا كىرگەندە ئەملىنىدۇ. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: بالىلىق دەۋر.
4 . كۆك يۆتەل، بوغما، قاتما ۋاكسىنىسى: ئەملەش ۋاقتى: ئۈچ، تۆت، بەش ئايلىق ۋە 18 ئايلىق مەزگىلدە؛ ئۈچ ۋاكسىنىنى بىرلەشتۈرۈپ ئەملەش ئارقىلىق قېتىم سانى ئازلىتىلىدۇ. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: بالىلىق دەۋر.
5. بوغما، قاتما ۋاكسىنىسى: ئەملەش ۋاقتى: ئالتە ياشتا ئەملىنىدۇ، بۇنىڭغا كۆك يۆتەل، بوغما ۋە قاتما ۋاكسىنىسى كۈچەيتىلىپ ئەملىنىدۇ. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: بالىلىق دەۋر.
6. A تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى: ئەملەش ۋاقتى: ئالتە ئايلىق ۋە توققۇز ئايلىق بولغاندا بىر قېتىمدىن ئەملىنىدۇ. مۇداپىئە كۆرۈش ۋاقتى: بەش يىل.
7. C + A تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى: ئەملەش ۋاقتى: ئۈچ ياش ۋە ئالتە ياشتا بىر قېتىمدىن ئەملىنىدۇ. مۇداپىئە كۆرۈش ۋاقتى: بەش يىل.
8. B تىپلىق تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغى ۋاكسىنىسى: ئۇ بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ (جەمئىي ئىككى قېتىم ئەملىنىدۇ). ئەملەش ۋاقتى: سەككىز ئايلىق ۋە ئىككى ياش مەزگىلى. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: بالىلىق دەۋر.
9. ماخاۋ ۋاكسىنىسى: ئەملەش ۋاقتى: سەككىز ئايلىق مەزگىلى. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: بالىلىق دەۋر.
10. قىزىل، گۈرەن بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسى: ئەملەش ۋاقتى: 18 ئاي مەزگىلى. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش ۋاقتى: بالىلىق دەۋر.
11. A تىپلىق تارقىلىشچان جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى: ئەملەش ۋاقتى: 19 ئاي مەزگىلى. كېسەلگە قارشى كۈچ پەيدا قىلىش مەزگىلى: ئۈچ يىل.