باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

ئانا ۋەتەن

دىلنۇر قۇربان 

      شانلىق تارىخنىڭ قۇتلۇق گۇۋاھچىسى، زامانىۋى دۇنيانىڭ نۇرلۇق نامايەندىسى، پارلاق كېلەچەكنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى جانىجان ئانا ۋەتەن!

      قەلبى ئوت – ھارارەتلىك، مېھرى قۇت – شاپائەتلىك، خەلقى ئەقىل – پاراسەتلىك، شانۇشەۋكەتتە ھۆرمەت تاپقان، چىدام – غەيرەتتە نۇسرەت تاپقان سۆيۈملۈك جۇڭخۇا ئېلىم!

      63 باھار، 63 تومۇز، 63 كۈز، 63 قار – مۇز... ئۆتتى تالاي كۈن، تالاي تۈن، چېھرىڭدە شادلىق، كۈلۈپ ۋىلىق – ۋىلىق. ئېگىلمىدىڭ جەبىر قەھرىدىن، كېرىلمىدىڭ راھەت بەھرىدىن، بولدۇڭ 56 مىللەتكە ئاتا، بولدۇڭ 56 ھۆرمەتتە كاتتا!

      ھۆسنى نۇرلۇق كېچىلەردىن ئەنداز ئالغان، بەختى پارلاق كېلەچەككە پايانداز سالغان ئانا دىيارىمىز جانىجان جۇڭگو، بىز سېنى سۆيىمىز، ئىشقىڭدا كۆيىمىز! مانا بۇ باغرىڭدىن نۇر ئېمىپ ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى، قەلب ئاسمىنىدا پارلىغان ھۆرمەت جۇلاسى. سېنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئەجىر – مېھنەت، دەۋەت – رىغبەتلىرىڭنى تەرىپلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. شۇ تاپتا ھەممە سەندەك تۇپرىقى مۇنبەت، خەلقى نۇسرەت تاپقان، باغرى مېھىر – مۇھەببەت، ئىناق – ئىتتىپاقلىققا تولغان، يېڭىچە تەرەققىيات، ئۆزگىچە يۈكسىلىشكە يول تۇتقان ئۇلۇغ ۋەتەندە ياشاۋاتقانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. سېنىڭ سائادەتلىك دەۋرانىڭدىكى مول خىسلەتلەرگە تولغان ئازاد زامانىڭدىن چەكسىز سۆيۈنىدۇ. مانا، چېھرىمىزگە باق! مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان ئىسسىق قۇچىقىڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلەرنىڭ قەلبىدە شادلىق، لېۋىدە تاتلىق.

      سەن مېنىڭلا ئەمەس، باغرىڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەرمىللەت خەلقنىڭ پەخرى. قەلبىمىز ساڭا، سېنىڭ ئوتلۇق سېيمايىڭ بولغان بەشيۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراققا ئەبەدىي تەلپۈنىدۇ!

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 7 – يىللىق ‹‹قوش تىل››لىق 1 – سىنىپتا)

يېتەكچى: ئامىنە ئابدۇراخمان

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر