باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

يۇلتۇز مەشئەل قەلبىمىزنى يورۇتسۇن

      ئەگەر 1 – ئىيۇننى دۇنيادىكى بالىلارنىڭ بايرىمى دېسەك ئۇنداقتا پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغان 13 – ئۆكتەبىر جۇڭگودىكى پىيونېرلارنىڭ بايرىمى. ساۋاقداشلار بۇ شەرەپلىك ۋە ئەھمىيەتلىك كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؟

      پىيونېرلار ئەترىتى پارتىيە قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم قۇرۇشنىڭ زاپاس قوشۇنى. 63 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىغا ئايلاندى، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىغا ئايلاندى، پىيونېرلار ئەترىتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنى ئۈزلۈكسىز يېڭى قان بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدە 1 مىليارد 300 مىليون پىيونېر بار. بۇ پىيونېرلار يۇلتۇز مەشئەللىك بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ‹‹بىز كوممۇنىزم ئىز باسارى›› دېگەن ئەترەت ناخشىسىنى ئېيتىپ پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە.

      ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگودا مەشئەل ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ كېيىنكى ئىز باسارلىرى تەربىيەلەنمەكتە. پىيونېرلار ئەترىتى ۋەتەن بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش. مەيلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، مەيلى كوممۇنىسىتىك پارتىيە قۇرۇلغان خاتىرە كۈنلەر بولسۇن، بېيجىڭدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ياكى يەر تەۋرەشكە قارشى تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشىدەك تارىخ بېتىگە يېزىلغان مۇھىم پەيتلەر بولسۇن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىيونېرلار ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹چوڭ ئىش››لارنى ‹‹كىچىك ئەمەلىيەت›› جەريانىغا سىڭدۈرۈپ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا ۋەتەن ئانىغا بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى.

      ئەترەتكە بولغان ئەڭ چوڭقۇر ھۆرمەت قانداق بولىدۇ؟ پىيونېر دېگەن بۇ ئالاھىدە نامغا بولغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟ ساۋاقداشلار، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەترەتكە كىرىش قەسىمى بېرەيلى، قىزىل گالىستۇك سىلەر كۆكسۈڭلارغا تاقىغىنىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ يارقىن چاقنىسۇن، ئەترەت بايرىقى سىلەر ئېگىز كۆتۈرگىنىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ جەۋلان قىلسۇن!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر