باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

چاقماقنىڭ پايدىسى 

      چاقماق بۇلغانمىغان ئېنېرگىيە مەنبەسى بىر قېتىم چاقماق چاققاندا قويۇپ بېرىلگەن زەرەت 1 مىلياردتىن 10 مىليارد جوئۇلغىچە كېلىدۇ. بۇنداق غايەت زور ھۇجۇم قىلىش كۈچى بىلەن بوش يەرنى چىڭداپ قۇرۇلۇشلاردا كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيەنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. چاقماق چاققاندىكى يۇقىرى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ تاغ جىنسلىرى تەركىبىدىكى سۇنى كېڭەيتىپ، تاغ جىنسلىرىنى يانجىش ئارقىلىق كان ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

      چاقماق كېسەل داۋالىيالايدۇ ھەر قېتىم چاقماق چېقىپ يامغۇر ياغقاندىن كېيىن ھاۋادىكى گاز مولېكۇلىلىرى چاقماق مەيدانىنىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن مەنپىي زەرەتلەنگەن مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونىغا ئاجرىلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردىن كېيىن ھەربىر كۇپ مېتىر ھاۋا تەركىبىدىكى مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونى 10 مىڭ تالغا يېتىدىكەن، ھاۋا ئوچۇق ۋاقىتلاردىكى قايناق شەھەر رايونىدا مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونى پەقەت نەچچە ئون تال ئىكەن. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى تەقلىدىي چاقماقنىڭ ئالاھىدە رولى بىلەن مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونىنى كېسەلخانىغا ئەكىرگەن، نەتىجىدە ئۆيدىكى مەنپىي ئوكسىگېن ئىئونى بىلەن ئادەتتىكى ئىئونلارنىڭ نىسبىتى 1:9 بولغاندا دېمى سىقىلىش، كۆيۈك، ياللۇغلىنىش ۋە باشقا سىرتقى زەخىملەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ ئۆيدىكى باكتېرىيەلەر، مىكروبلار ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە زىيادە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن.

      چاقماق ئازوتلۇق ئوغۇت ياسايدۇ چاقماق چاققاندا ئاتموسفېرادىكى چېقىن نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇققا يېتىدۇ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، زور مىقداردىكى ئازوت بىلەن ئوكسىگېن بىرىكىپ كاربون (VI) ئوكسىدقا ئايلىنىدۇ. شەكىللەنگەن كاربون (VI) ئوكسىد يامغۇر سۈيىدە ئېرىپ تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئازوت كىسلاتاسىغا ئۆزگىرىپ، تۇپراققا چۈشۈپ يەنە باشقا ماددىلار بىلەن بىرىكىپ سېلىتراغا ئايلىنىدۇ. بۇ تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان سوۋغىسى.

      چاقماق كان تېپىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ چاقماق ئاسانلا توك ئۆتكۈزىدىغان نەرسىلەرگە زەربە بېرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلانغاندا، گىيولوگىيەلىك چارلاش خادىملىرىنى مېتال كان ياتمىسى تېپىشقا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

ئابلەت مۇھەممەت توغراق (يوپۇرغا ناھىيەسى تېرىم يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر