باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

مەخپىي تىڭشىغۇچ

      بىر كۈنى، ياپونىيەنىڭ تىيەنفۇ ئېلېكتىر سانائىتى شىركىتى مەجلىسخانىدا شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى چاقىرىپ، يېڭى ئىككى مەھسۇلاتنى ئىشلەش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بوپتۇ. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىم بولغاندا، ئالاقىدار ئەربابلار كېلىشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا شىركەتنىڭ سېمىز كەلگەن مۇدىرىيەت باشلىقىمۇ چوڭ – چوڭ قەدەملىرى بىلەن تۆردىكى ئۇرۇنغا قاراپ مېڭىپتىكەن، ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتى تېيىلىپ ئالدىغا يېقىلىپتۇ – دە، ئورۇندۇقنى تۇتۇۋاپتۇ. باشلىقنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتقان كۆزى ئۆتكۈر، قولى چاققان كاتىپ ئىتتىك بېرىپ باشلىقنى يۆلىۋاپتۇ، بىراق ئورۇندۇق ‹‹پاق›› قىلىپ يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. كاتىپ باشلىقنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئورۇندۇقنى ئېلىپ جايىغا قويۇۋېتەي دەپ تۇرۇشىغا كۆزى بىردىنلا يىغىن ئۈستىلىدىكى كىچىك بىر تۆت چاسا قۇتىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ ئىتتىك بېرىپ، قۇتىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇ ياق – بۇياققا تازا سىنچىلاپ قارىۋېتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ:

      — ئەپەندىلەر، خانىملار، بۇ بىر مەخپىي تىڭشىغۇچ ئىكەن، — دەپتۇ.

      يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ داڭ قېتىپ قاپتۇ. مۇدىرىيەت باشلىقىنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەپتۇ، ئۇ:

      — شىركىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا سانائەت ئىشپىيونلىرى بار ئىكەن، يىغىن ۋاقتىنچە توختىتىلدى، دەرھال تەكشۈرۈلسۇن، — دەپتۇ.

      كاتىپ مىدرو ئۈنئالغۇنىڭ لېنتىسىنى ياندۇرۇپ، ئۈن ئېلىنىپ بولغان قىسمىنى قايتا قويۇپ، مەخپىي تىڭشىغۇچنىڭ بۇ يەرگە قويۇلغان ئېنىق ۋاقتىنى ھېسابلاپ كۆرۈپ:

     — ئېنىق ئېيتىشقا بولىدۇ، جىنايەتچى مەخپىي تىڭشىغۇچنى سائەت 10 دىن 15 ئۆتكەندە قويغان.

     — مەن بۈگۈن يىغىنغا بۇرۇنراق كەلگەنىدىم، — دەپتۇ گىرۋىكىگە ئالتۇن يالاتقان كۆزەينەك تاقىۋالغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى، — لىفىتتىن چىقىپ، مەجلىسخانا تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتسام زالنىڭ ئۇ چېتىدە شىركىتىمىزنىڭ ئىش كىيمىنى كىيىۋالغان بىر ئايال تۇرۇپتىكەن، ھايت – ھۇيت دېگۈچە كۆزۈمدىن غايىب بولدى، چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم، بۇ ئەنزىنى تۇغدۇرغان كىشى ئاشۇ ئايال بولسا كېرەك.

      — ھەرقايسى تارماقلار تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار، سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىدىن ئايرىلغان ئايال خىزمەتچىلەر بولسا، ھەممىسىنى بۇ يەرگە كەلتۈرۈڭلار، — بۇيرۇق بېرىپتۇ سېمىز باشلىق.

      بىردەمنىڭ ئىچىدە ئايال خىزمەتچىدىن ئۈچى كەلتۈرۈلۈپتۇ.

مۇدىرىيەت باشلىقى ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىپتۇ.

      — ئېنىق جاۋاب بېرىڭلار، سائەت 10 دىن 15 ئۆتكىچە نېمە ئۈچۈن ئىشخانىدىن ئايرىلدىڭلار؟

بىرىنچى بولۇپ سەنجىن مىڭزى جاۋاب بېرىپتۇ.

      — يۆتەل دورىسى ئېلىش ئۈچۈن دورىخانىغا باردىم، يانچۇقىدىن «فىناگېن» دېگەن دورا بىلەن دورا ھۈججىتىنى چىقىرىپ كۆرسىتىپتۇ. ئۇ پۇتىغا ئارا پاشنا ئاياغ كىيىۋالغانىكەن.

      مۇ يۈەن جيۇزى ئىككىنچى بولۇپ جاۋاب بېرىپتۇ:

      — بىرىنچى قەۋەتنىڭ مېھمانخانا ئۆيىگە كىرىپ، شەخسىي ئىشىم ئۈچۈن تېلېفون بەردىم، ئىشخانىدا تېلېفون بېرەي دېسەم، تېلېفوندا ئادەم بەك جىق ئىكەن.

      — شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىش ۋاقتىدا خرۇم ئاياغ كىيىلىدىغان تۇرسا، بۈگۈن نېمىشقا تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىۋالدىڭىز؟

      — ئەتىگەن ئىشقا كېلىدىغان چاغدا يەر ئاستى پويىزىدىكى قىستاڭچىلىقتا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتۇم قايرىلىپ كەتكەنىدى، شۇڭا بېرىپ بۇ ئاياغنى ئالماشتۇرۇۋالدىم.

      — مەن قان بەرگىلى باردىم، — دەپتۇ ئۈچىنچى بولۇپ جاۋاب بەرگەن تيەنبېن شىنزى، ئۇ پۇتىغا ئېگىز پاشنىلىق ئاق ئاياغ كىيىۋالغانىكەن.

      — قان بەرگەنلىك ئىسپاتىڭىزنى چىقىرىڭ.

      — دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، سەندە قان ئازلىق كېسىلى بار ئىكەن دەپ قېنىمنى ئالمىدى.

      كاتىپ مەخپىي تىڭشىغۇچنىڭ ئاۋاز كونۇپكىسىنى ئېچىپتىكەن، لېنتا ئايلانغىلى تۇرۇپتۇ، دەسلەپ جىمجىت، ھېچقانداق ئاۋاز يوق، بىردەمدىن كېيىن «غىچ» قىلىپ ئىشىكنىڭ ئاستا يېپىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.

      ئەقىللىق كاتىپ كىمنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى بىردەمدىلا بىلىۋاپتۇ. ئۇ دەرھال مۇ يۈەن جيۈزىدىن سوراپتۇ:

      — پۇتىڭىز قايرىلغاندا، ئاياغنى ئۆيگە بېرىپ ئالماشتۇردىڭىزمۇ ياكى يولدىن يېڭى تەنھەرىكەت ئايىغىدىن بىرنى ئالدىڭىزمۇ؟

       — يېڭىسىنى ئالدىم.

      — ئالماشتۇرغان ئايىغىڭىز قېنى؟

      — بۇ...

       — سىز يامان نىيەتتىكى ئادەم، شۇ ئەنزىنى سىز سادىر قىلغان، شۇڭا يول ماڭغاندا ئاۋاز چىقمايدىغان تەنھەرىكەت ئايىغىنى كىيىۋالغانسىز، — دەپتۇ كاتىپ.

        — تۆھمەت قىلماڭ، — دەپتۇ مۇ يۈەن جيۇزى.

       — مۇ يۈەن جيۇزى، ئاشۇ ۋاقىت ئىچىدە بۇ يەرگە كېلىپ مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورناتقان ئادەم پەقەت مۇشۇ ئۈچىڭلارنىڭ بىرى. بۇنى راست ئورناتقان ئادەمگە كەلسەك، بۇنى تاق – تاق ئاۋاز چىقىدىغان خرۇم ئاياغ كىيگەن ئادەم ئورناتقان ئەمەس، بەلكى چەمى يۇمشاق ئاياغ كىيگەن ئادەم ئورناتقان. لېنتىنىڭ باش تەرىپىدە ھېچقانداق ئاۋازنىڭ بولماسلىقىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان، — دەپتۇ كاتىپ، باشلىق بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ سۆزىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ.

      مۇ يۈەن جيۇزىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كېتىپتۇ — دە، باشلىقنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپتۇ:

      — مېنى كەچۈرۈڭ، مەن جىنايەت ئۆتكۈزدۈم.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرىدىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي