باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئىقتىدارلىق تالا

       مېترو، بانكىلاردا بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ سىزگە توغرىلانغانلىقىنى كۆرىسىز، كۆزىتىش ئاپپاراتى ئالدىدا قانۇنسىز ئىش يۈز بەرگەندە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىدۇ. لېكىن، كۆزىتىش ئاپپاراتى باشقىلار تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلسە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار نەق مەيداننى كۆرەلمەيدۇ، ئۇنى جىددىي رېمونت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

      ھازىر ئالىملار بىخەتەر ھەم كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل تالالىق ئاپپاراتنى ياساپ چىقىپ ئادەتتىكى ئاپپاراتنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. تالا بىلەن قانداق سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ؟

      كامىرا لېنزىسىدىن ئايرىلالماسلىق

      ھازىرقى تېلېكامىرا ئەسۋابلىرى مەسىلەن، تېلېكامىرا، فوتۇ ئاپپارات قاتارلىقلاردا بىر نەرسە كۆرمەكچى بولساق كامىرا لېنزىسىدىن ئايرىلالمايمىز. كامىرا لېنزىسى ئەينەك ياكى سۇلياۋدىن ياسالغاچقا نۇرنى يىغىپ نىگاتىپ ياكى رەقەملىق فوتۇ ئاپپاراتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلىرىدا تەسۋىرىي سۈرەت شەكلىدە كۆرسىتىدۇ. 1839 – يىلى فوتۇ ئاپپارات كەشپ قىلىنغاندىن تارتىپ رەقەملىق تېلېكامىرا فوتۇ ئاپپاراتنىڭ ئورنىنى ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتا كامىرا لېنزىسى باشتىن – ئاخىر كەم بولسا بولمايدىغان ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.

      ئىقتىدارلىق تالا كامىرانى سىقىپ چىقىرىدۇ

      بۈگۈنكى كۈندە كامىرا تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ، بۇ تەھدىت ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستىن سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدىن كەلگەن. ئۇ يەردىكى بىر كىچىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىقتىدارلىق تالانى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ تالا نامىي تېخنىكىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ كىچىك بولسىمۇ ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى.

      ئىقتىدارلىق تالانىڭ ئىچىگە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ئۈستىگە ئۇلانغان مېتال ئېلېكتىرودلار تىزىلغان بولۇپ سىرتىنى فىزىكىلىق يېشىل قاتلام ئوراپ تۇرىدۇ. يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ‹‹كۆز›› بولۇپ تۆت ئەتراپتىكى نۇرنى يىغىدۇ؛ ئېلېكتىر قۇتۇپى بولسا سەزگۈر نېرۋىغا ئوخشاش سىگنالنى ‹‹چوڭ مېڭە››گە يەتكۈزۈپ، مېكرو بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ‹‹چوڭ مېڭە›› ھەر خىل ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ نۇرنىڭ كۈچلۈكلىكى، يۆنىلىشى ھەم رەڭگىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈنۈشچان قىلىش يۇمشاق دېتالى ‹‹چوڭ مېڭە›› يەتكۈزگەن ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ، سۈرەتنى كۆزىتىش ئېكرانى ئۈستىدە قايتىدىن ھاسىل قىلىدۇ. پۈتۈن جەريان كامىرا لېنزىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

      ئىقتىدارلىق تالا كارامىتىنى كۆرسىتىش ئالدىدا

      ئىقتىدارلىق تالا بارلىققا كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشتا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ، كەلگۈسىگە قاراپ باقايلى.

      جەڭ مەيدانىدا قاتتىق جەڭ بولۇۋاتقاندا بىر ئەسكىرىمىز دۈشمەننىڭ ئەھۋالىنى چارلاشقا بارىدۇ. توساتتىن بىر دۈشمەن ئەسكىرى ئۇنىڭ كەينىدىن قورال تەڭلەيدۇ. بىراق، ‹‹پاڭ!›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ دۈشمەن ئەسكىرى يەرگە يىقىلىدۇ. ئەجەبا چارلىغۇچى ئەسكەرنىڭ كەينىدە كۆزى بارمۇ؟ توغرا، چارلىغۇچى ئەسكەرنىڭ كەينىدە ھەقىقەتەن ‹‹كۆزى›› بار، بۇ ‹‹كۆز›› دەل ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئىقتىدارلىق تالا كىيىمى. بۇ كىيىمنى كىيىۋالغاندا جەڭ مەيدانىنى ئەتراپلىق كۆزەتكىلى، ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئارقا تەرەپتىن كەلگەن دۈشمەندىن قورقۇشمۇ بىھاجەت. بۇ كىيىمنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ھەممە يېرىدە ‹‹كۆز››ى بار بولۇپ، مەلۇم قىسىمى بۇزۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قالغان قىسىملىرى نورمال ئىشلەيدۇ.

      ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىيىمنى كىيىپ سىرتقا ساياھەتكە چىققاندا تېلېكامىرا ئالمىسىمۇ بولىدۇ. سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغان مەنزىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرسىلا كىيىم دەرھال سۈرەتكە تارتىدۇ. ئۇنى يەنە تام ئىچىگە ئورنىتىشقىمۇ بولىدۇ. بانكىلارنىڭ تېمىغا ئورنىتىپ قويسا جىنايەتچىلەر ئۇنى قانداقمۇ بۇزۇۋېتەلىسۇن؟ ئۇنىڭ كۆرۈنمەيدىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ئۇنى ھەرقانداق جايغا ئورنىتىپ قويۇپ مۇھىم ئورۇنلارنى كۆزىتەلەيدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر