باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى قۇتقۇزىدىغان ئون چوڭ تېخنىكا

      ئىنسانىيەتنىڭ ھەدەپ ‹‹كېڭەيمىچىلىك›› قىلىشى ھايۋاناتلارنىڭ ياشاش شارائىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقى قالايمىقانلىشىپ، ھايۋانات تۈرلىرىنىڭ سانى جىددىي كېمىيىش ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. شۇڭا ئىنسانىيەت ھازىر بار بولغان بىر تۈركۈم تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئاشۇ ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى.

      1. GPS ئارقىلىق ئورانگوتاننىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىش تېخنىكىسى

      كروس دەرياسى ئورانگۇتانى نىگېرىيە بىلەن كامېرون چېگراسىدىكى ئىسسىق بەلباغ ئورمانلىقىدا ياشايدۇ، ھازىرقى سانى 300 ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ‹‹كېڭەيمىچىلىك››ىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىك ھەم يەر شەكلى مۇرەككەپ تاغلىق رايونلارغا كۆچۈشى، ئورمان قاراۋۇللىرىنىڭ ئىز قوغلىشىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانىدى. ئەمما يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) تېخنىكىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئورانگۇتانلارنىڭ ياشاش ماكانى ۋە سانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان بولدى.

      2. خۇببل تېلېسكوپى ئارقىلىق كىتسىمان لەھەڭنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى

      نۆۋەتتە بوشلۇق تېخنىكىسى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنىمۇ، ھەيران قالدۇرىدىغىنىمۇ خۇببل تېلېسكوپىنىڭ كومپيۇتېر پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلۈش تېخنىكىسى بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ يۇمشاق دېتال پىروگراممىسىنىڭ شەكىللەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھېسابلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر كىتسىمان لەھەڭنىڭ تېرىسىدىكى ئۆزگىچە شەكىل ۋە ئىزلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدا كىتسىمان لەھەڭلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشكىلى بولىدۇ.

      3. يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق پىلنى قۇتقۇزۇش تېخنىكىسى

      يان تېلېفوندىكى كىچىككىنە SIM ئۆزىكى پىللارنى قوغداش جەريانىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا. كېنىيەدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ھازىر قوغدىلىۋاتقان ئاشۇ پىللار بەزىدە ماكانلىرىدىن داجىپ، ئىنسان تەۋەلىكىگە كىرىپ قېلىپ ئۆي – جاي، مال – مۈلۈكلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 2008 – يىلى ‹‹پىل قۇتقۇزۇش›› تەشكىلاتىدىكىلەر بىر پىلنىڭ بويۇن چەمبىرىكىگە بىر دانە SIMنى ئورۇنلاشتۇرغان ھەم GPSتىن پايدىلىنىپ بىر مەۋھۇم رىشاتكا بەرپا قىلغان. پىل بۇ كۆرۈنمەس چېگراغا يېقىنلاشقان ھامان SIM كارتىسى قىسقا ئۇچۇر ئاگاھلاندۇرۇشى تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشىغا قولايلىق يارىتىلغان.

      4. PIT ماركىسى ئارقىلىق بېلىقلارنىڭ پائالىيىتىنى ئىگىلەش تېخنىكىسى

      پاسسىپ ماسلاشتۇرغۇچى رادار (PIT ) ماركىسى بولسا، سىمسىز رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق بەلگە. ئۇنىڭ ھەجىمى كىچىك بولۇپ، ھايۋاناتلارنىڭ تېنىگە ئورنىتىشقا بولىدۇ، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس پەرقلەندۈرۈش نومۇرى بار. بۇ تەننىڭ سىرتىغا بەلگە سالىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇسۇلغا قارىغاندا بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك. تەتقىقاتچىلار بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا كولورادو دەرياسى سىستېمىسىدىكى ياپىلاق تۇمشۇق بېلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۆت تۈرلۈك بېلىقنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ كۆچۈشىگە مۇناسىۋەتلىك موھىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلىمەكتە.

      5. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق تىيۇلېننىڭ ئىزىغا چۈشۈش تېخنىكىسى

      شىمالىي قۇتۇپ دېڭىز مۇزلۇقلىرىنىڭ تېز ئېرىشى تىيۇلېننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ ئېلىپ كەلدى. ‹‹سېكاننېرلاش بۈركۈتى›› ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سۈرەت پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق، ئۇچۇش جەريانىدا تارتىۋالغان نەچچە مىڭ پارچە تىيۇلېننىڭ سۈرىتىگە قارىتا ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ سىستېما تەتقىقاتچىلارنىڭ تىيۇلېننىڭ ئىزىغا چۈشىدىغان ۋاقتىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالىدۇ.

      6. تۇزسىزلاش زاۋۇتى ئارقىلىق بۆكەنلەرنى تاتلىق (تۇزسىز) سۇ بىلەن تەمىنلەش تېخنىكىسى

      20 - ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا ئەرەب بۆكىنىنىڭ ياۋايىلىقى يوقالدى، گەرچە سۈنئىي قوتانلاردا بېقىپ كۆپەيتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىمۇ، تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەندە زور قىيىنچىلىققا يولۇقتى. تاتلىق سۇ تېپىش قىيىن بولغاچقا، ئەرەب بۆكىنىنىڭ دالىدا ياشىشى تەسكە توختىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، ياپونىيە HITACHI شىركىتى ئابۇزابىدا قۇياش ئېنېرگىيەلىك تۇزسىزلاش زاۋۇتى قۇرۇۋاتىدۇ، بۇ زاۋۇت قۇملۇق يەر ئاستى سۇلىرىنى تۇزسىزلاندۇرغاندىن كېيىن، چەت قۇملۇق رايونلاردىكى سۇ كۆلچەكلىرىگە يوللاپ، بۆكەنلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

      7. گېن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىپ خالتىلىق بورسۇقنى راكتىن خالاس قىلىش تېخنىكىسى

      خالتىلىق بورسۇق بىر تۈرلۈك خالتىلىق گۆشخور ھايۋان بولۇپ، ئاۋستىرالىيەدىكى تاسمانىيە ئارىلىدىلا ياشايدۇ، ئۇ ‹‹تاسمانىيە ئالۋاستىسى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىراق ھازىر ۋەھشىي مىجەزلىك بۇ ‹‹ئالۋاستى››نىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ، يەنى يۈز قىسمىغا چىقىدىغان جاننى ئالغۇچى ئۆسمە پۈتكۈل خالتىلىق بورسۇق توپىغا تەھدىت سالماقتا. ئالىملار دەل گېن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ خىل ھايۋاننىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ، بۇ كېسەلدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىمەكتە.

      8. ئاۋاز دولقۇنى تەسۋىرى ئارقىلىق چىپار بېلىق (ئېپنېفېلوس بېلىقى)نىڭ سانىنى بېكىتىش تېخنىكىسى

      گىگانت چىپار بېلىق ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىرچە كېلىدىغان بىر تۈرلۈك قىممەتلىك بېلىق. ئۇ كىچىك ۋاقتىنى ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئىرماش – چىرماش مانگروۋا ئورمىنىدا ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، ئالىملار ئىزچىل ھالدا بۇ توپنىڭ سانىنى ئېنىقلىيالماي كەلگەنىدى. ھازىر ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ، تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىنىڭ ياردىمىدە، سۇ ئاستىدا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، باھالاش، قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. قوش چاستوتىلىق سونار ئاپپاراتى بىلەن سۇ ئاستىدا ئاۋاز دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ بېلىقلارنى توسالغۇسىز كۆرگىلى بولىدۇ.

      9. تور بېكىتى ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىش تېخنىكىسى

      ئەگەر كىشىلەر يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىلا ياشاۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتسە، ئۇلار بۇ ھايۋانلارغا ئېتىبار بىلەن قاراپ، پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرىنى ئويلىشامدۇ؟ جاۋاب شۇكى، چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ. ‹‹ئەتراپىڭىزدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار›› ناملىق بىر تور بېكىتى چوقۇم كىشىلەرنى ئۆزلىرى كۆرگەن ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقىرىشقا ھەم بايقالغان ئورۇننىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىدۇ، نەتىجىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتى تېخىمۇ يىغىلىدۇ.

      10. ئاخىرقى تاللاش كىلون تېخنىكىسى

      ئەگەر بىرەر تۈر ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن يوقىلىشقا يۈزلەنسە، بىزنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىك ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. خۇددى ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى ئاق كەركىدانلارنى كىلونلاش مۇۋەپپەقىيىتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ ھايۋاناتلارنىمۇ كىلونلاشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى سانتىياگودىكى ‹‹توڭلىتىلغان ھايۋانلار باغچىسى››دا 8400 خىلدىن ئارتۇق تۈرنىڭ DNAسى ساقلانماقتا. بىراق ھازىرغىچە كىلون تېخنىكىسى ئۈستىدىكى تالاش – تارتىش تۈگىمىگەچكە، كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايۋاتىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان