باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۆسمۈر كەشپىياتچى

قۇربان موللىنىياز

      ئاپرېلنىڭ بىر كۈنى دوستۇمدىن باي ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 3 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئۆمەر مەمتىلىنىڭ ماگنىتلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال ئۆچۈرگۈچ كەشىپ قىلىپ دۆلەتلىك پاتېنت ھوقۇقى ئىدارىسى تەرىپىدىن ‹‹ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان يېڭى كەشپىيات›› دېگەن پاتېنت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. كۆڭلۈمدە بۇ ئۆسمۈر كەشپىياتچىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئۇنى ئىزدەپ مەكتىپىگە باردىم. ئۆمەر مەمتىلى كۆزلىرىدىن زېرەكلىك چىقىپ تۇرىدىغان، بۇغداي ئۆڭ، قاراقاش، كەمسۆز بالا ئىكەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق مۇنداق تەپسىلاتلارغا ئىگە بولدۇم.

      ئۆمەر مەمتىلى باي ناھىيەسى توقسۇن يېزىسى جىسەكقايغۇ كەنتىدىن بولۇپ ئۇنىڭ بالىلىقى دادىسى مەمتىلى كېرەم ئېلىپ بەرگەن ئويۇنچۇقلارنى ئويناش، چۇۋۇش، قۇراشتۇرۇش بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتۇ. (ئۇنىڭ تېخى ‹‹كىچىك بۇزغۇنچى›› دېگەن نامىمۇ بار ئىكەن) ئۇ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن دەرسلەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىش بىلەن بىللە كىچىك ۋاقتىدا ئوينىغان ئويۇنچۇقلارغا تەقلىد قىلىپ ياغاچ قاتارلىق ماتېرىياللاردىن ھەر خىل ئويۇنچۇقلارنى ياساپتۇ. بۇ جەرياندا قولىنى كۆپ قېتىم كېسىۋالسىمۇ ۋاز كەچمەپتۇ. ئۇنىڭ ياسىغان بىرقانچە خىل مودېلى مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپتۇ. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن تەبىئەت، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرنى ئالاھىدە قىزىقىپ ئۆگىنىپتۇ. كۆپ ۋاقتىنى مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدا ئۆتكۈزۈپ نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئىشلەپتۇ. بۇ جەرياندا كەشپىيات يارىتىش ئىرادىسىگە كەپتۇ. تەجرىبە ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇللىرىنى ئىقتىساد قىپتۇ.

      بىر كۈنى ئۆمەر مەمتىلى دەرس ئاڭلاۋېتىپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بور توزانلىرىدا قاتتىق يۆتىلىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆچۈرگۈچنىڭ يەرگە كۆپ قېتىم چۈشۈپ كېتىپ ئوقۇتقۇچىسىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ‹‹كۆپ ئىقتىدارلىق ئۆچۈرگۈچ كەشىپ قىلىنسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى›› دەپ ئويلاپتۇ ۋە ياساش ئىرادىسىگە كەپتۇ. ئۇ قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاخىر كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ماگنىتلىق ئۇنىۋېرسال ئۆچۈرگۈچنى ياساپ چىقىپ دۆلەتلىك پاتېنىت ھوقۇقى ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپتۇ. ئۇ كەشىپ قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماگنىتلىق ئۇنىۋېرسال ئۆچۈرگۈچ دوسكىنىڭ خالىغان يېرىگە توختىتىپ ئىشلەتكىلى بولۇش، ۋاقىت تېجەش، مۇھىت ئاسراش، تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن.

      ئۆمەر مەمتىلنىڭ سىنىپ مەسئۇلىدىن ئىگىلىشىمچە، ئۇ ئۆگىنىش، ئەخلاق، تەشكىلىي تۈزۈمگە رىئايە قىلىش، ئىتتىپاقلىق جەھەتلەردە سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسى ئىكەن. ئۇ ‹‹ئىلغار سىنىپ كادىرى››، ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى›› قاتارلىق ناملار بىلەن كۆپ قىتىم تەقدىرلىنىپتۇ.

      باي ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىسكەندەر مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆمەر مەمتىلى كەشپىيات يارىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ئۇ كەشىپ قىلغان كۆپ ئىقتىدارلىق ماگنىتلىق ئۇنىۋېرسال ئۆچۈرگۈچ ناھىيەمىزدىكى 100دىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىپ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى››.

سۈرەتتە: ئۆمەر مەمتىلى تەجرىبە ئىشلىمەكتە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر