باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاپ بېرىشنىڭ پايدىسى

      چۈشتە بىر سائەت ئۇخلىسا ئادەمنىڭ زېھنى كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ئۇخلىۋالسا، ئادەمنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چوڭ مېڭىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە كېرەكلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى ساقلىشىغا ۋە ئىزدىشىگە ياردىمى بولىدىكەن.

      ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبە مەكتىپىنىڭ پىسخولوگى ۋۇكىل باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 39 نەپەر ساغلام پىدائىي ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، چۈشتە ئۇخلىمىغان گۇرۇپپىدىكلەر بىلەن ئۇخلىغان گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى خېلىلا ناچار بولغان، چۈشتە ئۇخلىغانلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ يۇقىرى بولغان. ۋۇكىل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى تەتقىقاتلاردا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان خاتىرىلەر چوڭ مېڭىنىڭ ‹‹سەقەنقۇر›› رايونىدا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ، ئاندىن چوڭ مېڭىنىڭ ماڭلاي ياپراقچە قەۋىتىگە يۆتكىلىدىغانلىقى، ئۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ‹‹ساقلاش بوشلۇقى›› بارلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا يەنە قاتتىق ئۇيقۇنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى بايقالغان. ئەمما چۈشتە ئۇخلاشمۇ بەلگىلىك تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. چۈشتە ئۇخلاش پەقەت مۇۋاپىق بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ئەلداۋا تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر