باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

يازدا ‹‹توڭلاتقۇ كېسىلى››دىن ئېھتىيات قىلىڭ

      توڭلاتقۇ قانداقتۇر ‹‹بىخەتەرلىك ساندۇقى›› ئەمەس. چۈنكى، مەيلى سوغۇق ساقلاش ياكى توڭلىتىش بولسۇن، توڭلاتقۇ پەقەت باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، باكتېرىيەنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرەلمەيدۇ، ھەتتا بەزى باكتېرىيەلەر توڭلاتقۇدا كۆپىيىپ، يېتىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

      توڭلاتقۇدا ساقلانغان يېمەكلىكلەر مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنمىسا ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بەزى باكتېرىيەلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، مېۋە – چىۋە، كۆكتات، بېلىق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئاسانلا بۇلغايدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئوبدان ئىسسىتىلىپ ياكى ياخشى پىشۇرۇلۇپ ئىستېمال قىلىنمىسا ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     ئەگەر توڭلاتقۇدا ساقلانغان سوغۇق يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازان بىلەن ئۈچەي تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ قان تومۇرلار بىردىنلا قورۇلۇپ كېتىدۇ – دە، قان ئايلىنىش نورمال بولمايدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىمۇ توختاپ، كۆكرەك تۇيۇقسىز ئاغرىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلاردا سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر