باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنىڭ كېلىپ چىقىشى

      قۇربان ھېيت بولسا شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كاتتا بايرىمى.

      ‹‹قۇربان››ئەرەب تىلىدا ‹‹ئېرد قۇربان›› ياكى ‹‹ئېرد ئازۇخا›› دەپ ئاتىلىدۇ ، ‹‹ئېرد›› بولسا بايرام دېگەن مەنىدە، ‹‹قۇربان›› بىلەن ‹‹ئازۇخا›› بولسا قۇربانلىق قىلىش ياكى قۇربان بولۇش دېگەن مەنىلەردە بولۇپ شۇڭا بۇ بايرامنىڭ ئىسمى قۇربان ھېيت ياكى قۇربانلىق قىلىش بايرىمى دەپ ئاتالغان.

      رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇرۇن ئەرەب شىمالى قىسمىدىكى خەلقلارنىڭ ئەجدادى ئىبراھىم پەيغەمبەر چۈشىدە ئاللاھنى كۆرگەن ھەم ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى مىنار تىغىغا ئاپىرىپ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈشتەك بىشارەتىنى ئاڭلىغان ،ئاللاھ مۇشۇ ئارقىلىق ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى سىنىماقچى بولغان. ئىبراھىم پەيغەمبەر ئوغلى ئىسمائىلنى مىنار تىغىغا ئاپىرىپ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ئاللاھ ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھقا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈپ بىر پەرىشتىنى ئىبراھىم پەيغەمبەرگە بىر قوچقارنى ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتكەن ھەم ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئورنىغا بۇ قوچقارنى قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرىغان. مانا بۇ قۇربان ھېيتنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى. شۇندىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئەرەبلىكلەر قۇربانلىق مال تەييارلاپ، قان ئاققۇزۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان. ئىسلام دىنى شەكىللەنگەندىن كېيىن ئەرەبلىكلەر ئىبراھىمنى ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەم ئىسلام دىنى كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنىنى قۇربانلىق قىلىش بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. دۆلىتىمىزدە بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مىلادىيە كالېندارى ئىسلام دىنى كالېندارىدىن 11 كۈن پەرىقلەنگەچكە بىزنىڭ قۇربان ھېيتىمىزنىڭ ھەر يىلىدىكى كۈنى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى قائىدىلەرگە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار قۇربان ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە يۇيۇنۇپ، يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ، ئەرلەر مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئۆتەيدۇ، تۇپراق بېشىغا چىقىپ ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. ھېيتتىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئائىلىلەردە ئۆيلەرنى تازىلاپ، ساڭزا سېلىپ، نان يېقىپ ھېيت تەييارلىقى قىلىنىدۇ. مۇسۇلمان ئەرلەر ھېيت كۈنى ئەتتىگەندە مەسچىتتىن كېلىپ، قويلارنى ئۆلتۈرۈپ. گۆش پۇشۇرۇپ نامرات كىشىلەرگە بىر قىسمىنى بېرىدۇ. ئۆي – ئۆيلەرگە مېھمان بولۇپ ھېيتلىشىدۇ. ھېيتلىق كىيىملەرنى كىيىپ ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقان، دوستلىرىنى يوقلايدۇ ھەم ھېيتلىق سالام يوللايدۇ. مۇسۇلمان ياش بالىلار ئۇسسۇل ئويناپ، ھەرخىل پائالىيەتلەرنى قىلىپ ھېيت تەنتەنىسىگە چۆمىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر