باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا

مەمەتتۇرسۇن ئەخمەت

      ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياخشى ئىپادىلەش ئادىتى يېتىلدۈرگەن كىشىلەر ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزىنى نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە بولغاچقا ئاسانلا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ ئوقۇغۇچىلار بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئىقتىدارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارى تەپەككۇرنىڭ تېز – ئاستىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلار قاراتمىلىق تەربىيەنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.

 

      1. بىلىم قۇرۇلمىسىنى بېيىتىش. تەپەككۇرنىڭ تېز بولۇشى مول بىلىم قۇرۇلمىسىدىن كېلىدۇ. ئىگىلىگەن بىلىم كۆپ بولغانسېرى تەپەككۇر شۇنچە تېزلىشىدۇ. چۈنكى، بىلىش دائىرىسى كەڭ بولسا سۆزلىمەكچى بولغان شەيئى توغرىسىدىكى بىلىملەر تېزلا ئەسكە كېلىدۇ – دە ئېھتىياجغا ئاساسەن قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا دەرسخانىدىكى بىلىملەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقنى تەكىتلەپ، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشكە، كۆرگەنلىرىنى ئەستە ساقلاشقا، مۇھىم دەپ قارىغانلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ئارىلاپ كۆرۈپ تۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئوقۇش، خاتىرە قالدۇرۇش، ئەستە قالدۇرۇش تىل بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىل.

      2. مەشىقنى كۆپ قىلىش. ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى شۇ شەخسنىڭ تىلغا باي بولۇشى، پىكرىنىڭ چېچىلماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەش مەشىقى قىلدۇرغاندا مەقسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا تېمىدىن چەتنىمەي سۆزلەشنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەك. توختىماي سۆزلەيدىغان، لېكىن تېمىدىن چەتنەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار نۇتۇقنىڭ جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ. سۆزلەش مەشىقى قىلغاندا دەسلەپكى قەدەمدە ئاددىي مەزمۇنلارنى ئوبرازلىق ئىپادىلەشتىن باشلاش، تەدرىجىي ھالدا چوڭقۇرراق ئۇقۇملارنى مېغىزلىق، قايىل قىلارلىق ئىپادىلەشنى ئۆگىتىش كېرەك.

      مەكتەپتە سۆزلەش مەشىقى قىلىدىغان پۇرسەتلەر كۆپ. مۇشۇ پۇرسەتنى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەڭ تەقسىملەش كېرەك. مەسىلەن، دەرس سوراش، تۈرلۈك يىغىنلاردا پىكىر بايان قىلىش، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش، كىتاب ئوقۇتۇش، ئوقۇغان كىتابلىرى ياكى كۆرگەن كىنولىرى توغرىسىدا سىنىپتا كۆپچىلىك ئالدىدا سۆزلىتىش، رىقابەتلىشىپ سىنىپ ھەيئىتى بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزاكى ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان پۇرسەتلەردۇر.

     3. سالماق بولۇش. سۆزلەش ماقالە يېزىشقا ئوخشىمايدۇ. ماقالە يازغاندا ياخشى ئويلىنىپ ئاندىن يېزىشقا بولىدۇ. سۆزلەش جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئويلىنىپ بىر تەرەپتىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. بالىلار كۆپ ئويلانمايلا سۆزلىگەچكە ئاسان تېمىدىن چەتنەپ كېتىدىغان، مەقسىتىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار تەكرارلىنىۋەرسە بالىلار باشقىلار ئالدىدا گەپ قىلىشتىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا قاراتمىلىق يېتەكلىشى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەمتىرىمەسلىكنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك.

     مەكتەپلەردە دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار كېكەچلەپ مەقسىتىنى ياخشى ئىپادىلىيەلمەيدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ بولۇش – بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇتقۇچىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا تەمتىرەپ قالغان ئوقۇغۇچىغا زەربە بەرمەسلىكى، ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ زاڭلىق قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك. باشقىلار ئالدىدا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان دىققەت ئېتىبارنى كۈچەيتىش، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋۋال ئاز ئادەم ئالدىدا سۆزلەپ مەشىق قىلىشنى ئالاھىدە تاپشۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغاندىلا تەمتىرەشتىن قۇتۇلۇپ ناتونۇش كىشىلەر ئالدىدا ئەركىن – ئازادە پىكىر قىلالايدۇ.

(يەكەن ناھىيەسى ئاۋات بازىرى كەڭساغان مەكتىپىدىن)

قىستۇرما سۈرەتنى ئايشەمگۇل جاپپار تارىتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر