باش بەت | پىسخىكا

بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى – ئويۇن ئويناش

      ئويۇن ئويناش ئارقىلىق بالىنىڭ ھەر تەرەپتىن ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

      1. دەسلەپكى بىر قانچە ئايدا بالىنىڭ كارىۋىتى ئۈستىگە بەزى چىرايلىق بولغان ئويۇنچۇق ياكى رەسىملەرنى ئېسىپ قويغاندا، بۇ مۇزىكا چىقىرىدىغان ئويۇنچۇقلار، رەسىم قاتارلىقلار بالىنى تىنچلاندۇرۇپ ئويناش بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئائىلىدىكىلەر  بىلەن بالىنىڭ ياخشى كەيپىيات ساقلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

      2. ئايلىق بولغان بالىغا شالدىراق قوڭغۇراقنى تۇتقۇزۇپ قويغاندا، بالىنىڭ كۆزى ۋە قول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

      3. ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋە ھەرىكەتلىنىدىغان ئويۇنچۇقلارنى بالىنىڭ پۇتى يېتىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇپ، بالىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن پۇتى ئارقىلىق ئويۇنچۇقنى ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندە، بالا پۇتىنى بۇ ئويۇنچۇققا تەگكۈزگەندە، ئويۇنچۇق ئاۋاز چىقارسا، بالا ناھايىتى خۇشال بولىدۇ ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ. بۇ بالىنىڭ پۇت - قولى ۋە كۆزىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشىغا پايدىلىق.

      4. يېرىم ياشتىن ئاشقان بالا ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئويۇنچۇقنى يەرگە تاشلىغاندا چىققان ئاۋاز بالىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇنى خۇشال قىلىدۇ.

      5. يېرىم ياشتىن ئاشقان بالا مۆكۈ - مۆكىلەڭ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. قولىغا رەخت ئېلىپ ئۆزىنىڭ يۈزىنى يۆگىۋېلىپ، ئاندىن يەنە رەختنى ئېلىپ، ئاندىن يەنە ئويۇنچۇقنى يۆگەپ، يەنە ئېچىۋېتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بالىدا يېڭى بايقاشلارنى پەيدا قىلىدۇ.

      6. ئەينەككە قاراش جەريانىدا، بالا ئۆزى ۋە باشقىلارنى تونۇيدۇ. بۇ بالا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

      7. ئۆي سىرتىدىكى پائالىيەتلەر بالىنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئىللىق قۇياش نۇرى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە پايدىلىق.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان