باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاتامغا خەت

      ئاتا!

      بىر ئۆيدە بىللە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا خەت يېزىشى ئارتۇقچە ئىش بولسىمۇ، يەنىلا بۇ خەتنى ئالايتەن بولمىش سىزگە ئاتاپ يېزىشنى لايىق تاپتىم. چۈنكى مەن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى سىزگە تالاي قېتىم يۈزمۇيۈز تۇرۇپ دېدىم، يېلىندىم، پېشىڭىزگە ئېسىلىپ يىغلىدىم، ئەمما مېنىڭ يېلىنىشىلىرىم، نىدالىرىم ۋە كۆز ياشلىرىم سىزگە تەسىر قىلمىدى. ئەكسىچە سىز باغرى تاشىلىق قىلىپ مېنى سىلكىدىڭىز، تىللىدىڭىز ھەتتا ئۇردىڭىز. شۇنىڭدىن بۇيان مەن سىزنى تولىمۇ باغرى تاشلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ، سىزدىن نەپرەتلەنگەنمۇ بولدۇم، راستتىنى دېسەم، خالىي جايلارغا بېرىپ ئۈنلۈك ۋە ئۈنسىز يىغلىدىم...

      ئاتا!... سىزدە ئۆز پەرزەنتلىرىڭىز، ئۆز ئائىلىڭىز ئۈچۈن ئاتىلارغا ۋە ئەرلەرگە خاس مەسئۇلىيەت بارمۇ؟ ئەگەر بولسا سىز بۇ مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلالىدىڭىزمۇ؟!

      ئاتا!... سىز دائىم سىرتلاردا يۈرۈيسىز. نەلەردىدۇر ھاراق ئىچىپ مەست كىرىپ ئانامغا ئازار بېرىسىز. بىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمىزغا، يىغىمىزغا قىلچە پىسەنت قىلماي، بىزنى تەڭلىكتە قويىسىز. شۇ سەۋەبلىك بىر ھەمىشە غەمكىن ۋە روھسىز يۈرىمىز. تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئاكامغا شۇنچە ئازار قىلدىڭىز. بىر يۈرۈش دەپتەر - قەلەم ئېلىش ئۈچۈن، تولىمۇ تەسلىكتە سىزدىن ئازراق پۇل سورىسا ئۇنى بەكلا ئوڭايسىز ئەھۋالغا قويدىڭىز، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ باقماي، ئۇنى ‹‹ماڭا يېنىۋاتامسەن، مەن بىلەن تەڭ تۇرۇۋاتامسەن›› دەپ، شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدىڭىز. ئانام ئۆيدە ئۇن تۈگەپتۇ، بالىلارنىڭ ئايىغى كونىراپ كېتىپتۇ، دەپ پۇل سورىسا، پەرۋا قىلمىدىڭىز. ئەمەلىيەتتە سىزدە پۇل يوق ئەمەس، ئاڭلىسام سىرتتىكى سورۇنلارغا، دوستلىرىڭىزغا بەكلا سېخىي ئىكەنسىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟!

      ئاتا سىزگە تەنبىھ  بېرىپ، ھەممىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە دەپ ئولتۇرغۇم يوق، چۈنكى مەن يەنىلا سىزگە بالا! ئەمما سىزچۇ؟!...

 ئوغلىڭىز نىجاتتىن

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: مەۋلان