باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

چاشقانمۇ زەھەردىن ....

      ئىنسانلار خىمىيەلىك دورىلاردىن پايدىلىنىپ زەھەرلىك ئوق ياسايدۇ. ئەمما، بۇ قالتىس ماھارەت پەقەت ئىنسانلارغىلا خاس ئەمەس. يېقىنقى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقا سېرىق تاجلىق چاشقىنى ئۆسۈملۈك زەھىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلار خېلى بۇرۇنلا ئىت قاتارلىق بەزى ھايۋانلارنىڭ سېرىق تاجلىق چاشقانغا تەگكەندىن كېيىن ئاغرىپ قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان بولسىمۇ سېرىق تاجلىق چاشقاننى سېسىق كۈزەن تۈرىدىكىلەرگە ئوخشاش كاسسىسىدىكى بەزدىن زەھەر ئاجرىتىپ ئۆزىنى قوغدايدۇ، دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما، كۆپ يىللىق تەجرىبە ئارقىلىق زەھەر سۇيۇقلۇقىنى سېرىق تاجلىق چاشقان ئۆزى ئاجرىتىپ چىقارماستىن بەلكى زەھەرلىك دەل – دەرەختىن ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان. سېرىق تاجلىق چاشقان زەھەرلىك دەرەخ قوۋزىقىنى چايناپ سۇيۇقلۇقىنى بەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۈركەيدىكەن. بەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى نەيچىسىمان تۈكتە نۇرغۇن تۆشۈكچە بار بولۇپ زەھەر سۇيۇقلۇقىنى بەدىنىگە تېخىمۇ ياخشى يېپىشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.

      بەدىنىدىكى زەھەر بىلەن كۈشەندىسىگە تاقابىل تۇرىدىغان ۋە ھۇجۇم قىلىدىغان ھايۋانلار كۆپ. ئەمما، ئىنسانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئافرىقا سېرىق تاجلىق چاشقىنى ئۆسۈملۈك زەھىرىدىن پايدىلىنىدىغان بىردىنبىر سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر