باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

كومپيۇتېر ماتېماتىكىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەمدۇ

      كومپيۇتېر كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇ ئالىملارنىڭ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ماتېماتىكا ساھەسىدىكى داڭلىق ‹‹تۆت رەڭ مەسىلىسى›› كومپيۇتېردا ئىسپاتلانغان.

      خەرىتە كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى، خەرىتىدە قوشنا ئىككى دۆلەتنى ئىپادىلەيدىغان رەڭ ئوخشاشمايدۇ، بۇنداق رەڭ بېرىش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەگەر، ئۈچ قوشنا دۆلەت بولسا ئۈچ خىل رەڭ بىلەن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بولغاندا، تۆت – بەش قوشنا دۆلەت بولسا، تۆت – بەش خىل رەڭ ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ 1840 – يىلى گېرمانىيە ماتېماتىكا موبىئۇس، خەرىتە ھەرقانچە مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئەڭ ئاز دېگەندە تۆت خىل رەڭ بىلەنلا بارلىق ئوخشىمىغان رايونلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

      بۇ نەزەرىيە گەرچە رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلسىمۇ، بىراق ئۇنى ئىسپاتلاش ئىتنايىن قىيىن، چۈنكى بارلىق مۇرەككەپ ئەھۋالنى ئېنىق ئايرىپ كۆرسىتىش بەكلا تەس ئىش. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ماتېماتىكلار ئۇنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالماي كەلگەن.

      1976 – يىلى، ئامېرىكىلىق ماتېماتىك ئاپپېل بىلەن خاككېن كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ‹‹تۆت رەڭ›› مەسىلىسىنى ئاخىر ھەل قىلدى. ئۇنى يېشىش جەريانىدا، كومپيۇتېر تەخمىنەن نەچچە يۈز مىليون قېتىملىق ھېسابلاش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئېلىپ بېرىپ، 1200 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئەگەر كومپيۇتېر بولمىغان بولسا، بۇنداق مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانىنى بىر ئادەم ئۆمۈر بويى ھېسابلاپمۇ تۈگىتەلمىگەن بولاتتى.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي