باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

ئورۇنسىز جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك

      بەزى بىر قىسىم بالىلار كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، بىر ئۇنىڭغا بىر بۇنىڭغا ئېسىلىپ، ھەمىشە بىر خىل ھالىتىنى ساقلىماي، دائىم جىدەل قىلىپ، قائىدە چۈشەنمەي، ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىمغاندا، ئائىلە باشلىقى بېشى قاتتىق ئاغىرىپ كەتكەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىدۇ. بالىلارنىڭ بۇنداق ئورۇنسىز قىلمىشغا قارىتا ئائىلە باشلىقى زادى قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك؟

      1. ئائىلىدە تەربىيىلەش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىش. ناۋادا ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا قويغان تەلىپى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ يۈكى ئېشىپ، دائىم جىددىلىشىدىغان، ئۇنىمىغان ئەھۋالدا بالىلاردا ھەمىشە ئورۇنسىز جىدەل قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلە باشلىقى ئائىلىدە بالىلارنى تەربىيىلەش كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىشكە تىرىشىپ، بىر خىل تىنچ بولغان روھى كەيپىياتىنى ساقلىشى كېرەك.

      2. مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ماددىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى بالىلارنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇردىغان ئۇسۇل قىلىۋالماسلىقى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمايدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماددى مۇكاپات بىلەن مەنىۋى مۇكاپاتنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

      3. بىرلا يولدا ئوڭۇشلۇق بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. بالىلار ئورۇنسىز جىدەل قىلغان ۋاقىتتا، ئائىلە باشلىقى گەپ تېمىسى ۋە كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ياكى بولمىسا قەستەن سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، بالىلارغا بۇ خىل ئورۇنسىز جىدەلنىڭ ھىچقانداق نەتىجىسى بولمايدىغانلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزلىكىدىن بۇنداق يامان قىلىقنى تۈگىتىش لازىم.

      4. مۇۋاپىق بولغان مەغلۇبىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەقسەتلىك ھالدا بالىلارنىڭ قەلبىدە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئۆز - ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، بالىلاردا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ ئىرادىسنى كونترول قىلىش ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان