باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

ئەڭ ئۇلۇغ ئالىملار

      ئامېرىكىدىكى بوستون پەنلەر مۇزېيى ئەڭ ئۇلۇغ يەتتە ئالىمنى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپكە قويغان.

      1. ئېينىشتىيىن (1879 – 1955) گېرمانىيەلىك فىزىكا ئالىمى بولۇپ كېيىن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1905 – يىلى ماددا بىلەن ئېنېرگىيەنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹نىسپىيلىك نەزەرىيەسى›› ئەڭ داڭلىق.

      2. گالېلىي (1564 – 1642) ئىتالىيەلىك فىزىكا ئالىمى ۋە ئاسترونوم، ‹‹ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئاتىسى›› دەپ ئاتالغان. ئۇ ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى بايقىغان ھەم ئەينى ۋاقىتتا قارشى ئېلىنمىغان نەزەرىيە – يەر شارى ۋە سەييارىلەر قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ، دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلىگەن.

      3. پاستېر (1822 – 1895) فىرانسىيەلىك خىمىيە ئالىمى. ئۇ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاتىغان. باكتېرىيەلەرنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ۋاكسىنىنى ئىجاد قىلىپ بەزى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان.

      4. ئېدىسون (1847 – 1931) ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى. ئۆمرىدە 1000 خىلدىن ئارتۇق كەشپىيات ياراتقان. پاتېفون ۋە ئەڭ دەسلەپكى كىنونىمۇ ئۇ ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ كەشپىياتلىرى ئىچىدە ئېلېكتىر چىرىغى ئەڭ مەشھۇردۇر.

      5. دارۋىن (1809 – 1882) ئەنگلىيەلىك ناتۇرالست، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلغان. ئۇلۇغ ئەسىرى ‹‹تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى››نى ئېلان قىلىپ جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ‹‹ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى›› دېگەن مەشھۇر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.

      6. كىيۇرى خانىم (1867 – 1934) فىرانسىيەلىك فىزىكا ۋە خىمىيە ئالىمى، ئىككى قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئالىم، 1903 – يىلى رادىيوئاكتىپ نۇرنى تەتقىق قىلىپ يولدىشى بىلەن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سەككىز يىلدىن كېيىن خىمىيەۋى ئېلېمېنت رادىي ۋە پولونېينى بايقاپ نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

      7. بېل (1847 – 1922) ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى. 1876 – يىلى دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى تېلېفوننى كەشىپ قىلغان.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مەۋلان