مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سەنئەتتە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشتىكى يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ئېلىنىۋاتاتتى، بىر قىز ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. بەز رېپېرنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:
— سىزنىڭ قانداق ماھارىتىڭىز بار دەپ سورىدى. ھېچقانداق ماھارىتىم يوق.
— مەيلى سىزنىڭ ماھارىتىڭىز بولسۇن — بولمىسۇن، چوقۇم ماھارەت كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. قىز خىجىللىقىدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
— ئۇستازلار، مەن دائىم ئاتا – ئانامغا تاماق ئېتىپ بېرەتتىم، شۇڭا مەن ئۇلار ياقتۇرۇپ يەيدىغان بىر قورۇمىنى قورۇۋاتقان ھالىتىمنى دوراپ بەرسەم بولامدۇ؟ — دېدى
— ئەلۋەتتە بولىدۇ، رېپېرلار قىزنىڭ گېپىگە قوشۇلۇشتى. قىزنىڭ قولىدا ھېچقانداق سايمان بولمىغانلىقتىن، ئۇ قۇرۇق قول ھەرىكەت ئىشلەشكە باشلدى. ئۇ ئالدى بىلەن كۆكتاتنى يۇيدى، ئاندىن كۆكتاتنى توغرىدى، كەينىدىن يەنە قورۇما قورۇدى...
— ئەڭ ئاخىرقى ھەرىكەت نېمە ھەرىكەت؟ — رېپېرلار قىزنىڭ ئاخىرقى ھەرىكىتىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭدىن سوراشتى.
— بۇ مېنىڭ پۇت – قولىنى مىدىرلىتالمايدىغان ئانامغا تاماق يېگۈزۈۋاتقان ھالىتىم، – دەپ جاۋاب بەردى قىز. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولۇپلا ھەممەيلەنگە سالام بەرگەندىن كېيىن:
— ئۇستازلار، مەن ماھارىتىمنى كۆرسىتىپ بولدۇم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالاي دەپ قالدى، مەن دەرھال ئۆيگە قايتىشىم كېرەك، دېدى – دە، ئالدىراش چىقىپ كەتتى.
قىز ئىمتىھان مەيدانىدىن ئەمدىلا ئايرىلىشىغا، بەش رېپېرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تولۇق نومۇر بەردى.