باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

ئالقان بىلەن ئىتتىرىش

      ئالىقان بىلەن ئىتتىرىشىش رىقابەتچانلىققا ئىگە، قىزىقارلىق، يەكمۇيەك ئىتتىرىشىپ كۈچ سىنىشىدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرى.

      بۇ ئويۇننى كۆپىنچە ئوغۇل بالىلار ئوينايدۇ. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئىككى ياكى ئىككى كىشىدىن ئارتۇق بولسا بولىدۇ.

      ئويۇن قائىدىسى: بۇ ئويۇن ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئوينىلىدۇ.

      بىرىنچى خىل ئۇسۇل: بەسلەشكۈچى ئىككى بالا 80 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئارىلىق قالدۇرۇپ ئۆزئارا قارىشىپ تۇرىدۇ. ئاندىن ئالىقانلىرىنى بىر – بىرىگە چاپلاپ تىرەپ تۇرىدۇ. ئويۇن باشقۇرغۇچى كوماندا بەرگەن ھامان ئورنىدىن قوزغالماي، ئالىقانلىرىنى ئاجراتماي كۈچەپ ئىتتىرىشىپ، قارشى تەرەپنى ئورنىدىن قوزغىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر كىم قارشى تەرەپنى ئورنىدىن قوزغىۋەتسە شۇ يەڭگەن بولىدۇ.

      ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: بەسلەشكۈچى ئىككى بالا بىرىنچى خىل ئۇسۇل ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئەمما ئالىقانلىرىنى چاپلىمايدۇ. ئويۇن باشقۇرغۇچىنىڭ كوماندا بېرىشى بىلەن بەسلەشكۈچىلەر ئالىقانلىرىنى بىر – بىرىگە چاپلاپ ئىتتىرىشىدۇ. بۇنداق بەسلىشىشتە كۈچلۈك، ئىنكاسى تېز بالا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپ ئۆزىنى كۈچەپ ئىتتىرگەندە ئالىقىنىنى تېز تارتىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئۆزىنى كونترول قىلالماي ئالدىغا قوزغىلىپ كېتىدۇ ياكى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماي تۇرغاندا ئۇنى ئىتتىرىپ ئورنىدىن قوزغىۋېتىدۇ.

      بۇ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار كۆپ بولسا ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، ھەرقايسى گۇرۇپپىدىن بىردىن بالا نۆۋەت بىلەن چىقىپ ئۆزئارا بەسلىشىدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا قايسى گۇرۇپپىدىكى يەڭگەن بالىلارنىڭ سانى كۆپ بولسا شۇ گۇرۇپپا يەڭگەن بولىدۇ.

      قائىدىگە خىلاپ ئىشلار: ئويۇننى باشلاش كوماندىسى بېرىلمەي تۇرۇپ ئىتتىرىشنى باشلىسا، قارشى تەرەپنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ئالدى – كەينىگە تارتىپ ئىتتىرسە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر