باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

گۈلەنىڭ شىپالىق رولى

       گۈلە — تەمىنىڭ تاتلىقلىقى ۋە شىپالىق رولىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كوزۇر مەھسۇلاتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

      ياز پەسلىدە پىشىدىغان مېۋە — ئۆرۈكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تومۇز ئايلىرىدىكى ئىسسىققا قاقلىنىپ قۇرۇتۇلۇش ئارقىلىق، ئۆرۈك ھالىتىدىكى تەبىيىتى بىرىنچى دەرىجىلىك ھۆل سوغاق مېۋىدىن گۈلە ھالىتىدىكى تەبىيىتى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق مېۋىگە ئۆزگىرىدۇ. نەتىجىدە ئۇ سوغۇق مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ تەبىيىتىگە يېقىن، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈپ، ھەزىم قىلىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە شىپالىق قىممىتى يۇقىرى ‹‹قۇۋۋەت›› دورىسىغا ئايلىنىدۇ .

      خەلقىمىز گۈلىنى يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى قۇرۇق پېتىلا ئىستمال قىلىپلا قالماي، پولو، ئۇماچ، يۇمدان ۋە باشقا تائاملارغا سېلىپ ئىستېمال قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلار گۈلىنى ئاساسەن قىشتا، چىلە مەزگىلىدە كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. گۈلە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىك ھىساپلىنىدۇ .

      ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىدە راك كېسەللىكى ‹‹سەرتان›› دەپ ئاتىلىدۇ، گۈلىمۇ دەل سەرتان تومۇز ئىسسىقىدا قورۇتۇلىدۇ. راك كېسەللىكى سوغۇق سەپرانىڭ يۇقىرى باسقۇچىغا يەتكەندە ئادەم تېنىدە پەيدا بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدۇر. گۈلە ھەرقانداق تەبىئىي يېمەكلىك ئىچىدە تەبىيىتى پەۋقۇلادە ئىسسىققا مايىل يېمەكلىكتۇر. بۇنىڭدىن راك كېسەللىكىنى گۈلە يېيىش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ، دېگەن مەنا چىقمايدۇ. لېكىن ئىزچىل تۈردە ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق راك ئۆسمىسىنىڭ ئادەم تېنىدە پەيدا بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان