باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ھايات – مامات چېكى

      ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلى، غەربىي ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەت مۇنداق بىر ئاجايىپ قانۇن بەلگىلەپتۇ: جىنايەتچىلەرگە ھۆكۈم ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، سوتچى ئىككى دانە چەك يازىدىكەن، بۇ چەكنىڭ بىرىگە ‹‹ھاياتلىق›› يەنە بىرىگە ‹‹ئۆلۈم›› دېگەن خەت يېزىلىپ، قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىكەن. ھۆكۈم قىلىنغۇچى ئامما ئالدىدا، قۇتىدىن ئۆزى خالىغان بىر چەكنى ئالىدىكەن، ‹‹ھاياتلىق›› دېگەن چەكنى ئالغانلار شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا قويۇپ بېرىلىدىكەن، ‹‹ئۆلۈم›› دېگەن چەكنى ئالغانلارغا شۇ ھامان ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىكەن. سوتچى يەنە مۇنداق ھۆكۈم ‹‹ئىلاھنىڭ ھۆكمى›› ھېسابلىنىدۇ، بۇ بەك ئادىل، دەيدىكەن.

      بەزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ قانۇنغا قارشى تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلەرنىڭ ھايات – ماماتنى چەك تاشلاش ئارقلىق بەلگىلەش ئادىللىق بولمايدىكەن، ئۆلۈشكە تېگىشلىك بولمايدىغان ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىپ، ئۆلۈشكە تېگىشلىك ئادەملەر ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدىكەن. بۇ قانۇنغا قارشى چىقىشقا باشلامچىلىق قىلغۇچىنىڭ ئىسمى ئالىيە بولۇپ، ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ دىنغا قارشى ئىكەن.

      شەرىئەتتىكىلەر ھۆكۈمەت دائىرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئالىيەنى قولغا ئاپتۇ – دە، ئىلاج قىلىپ ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماقچى بوپتۇ.

      بىر كۈنى، ئالىيە ئۈستىدە ئوچۇق سوت ئېچىپتۇ. ئالىيە بەكمۇ نامدار ئادەم بولغاچقا ئۇنى كۆرگىلى كەلگەنلەر سوتنىڭ ئىچىگە تولۇپ كېتىپتۇ.

      ھۆكۈم قوڭغۇرىقى چېلىنغاندىن كېيىن، سوتچى ئەسلى بىكىتىلگەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ – دە، يېزىپ تەييارلاپ قويغان ئىككى دانە چەكنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئالىيەنى چەك ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ.

      باش سوتچى يامان غەرەز بىلەن ئالىيەگە بىر قۇر قاراپ چىقىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە: ئالىيە بۈگۈن چوقۇم ئۆلىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.

      ئەسلىدە شەرىئەتتىكىلەر بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاللىقاچان تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىككى چەكنىڭ ھەر ئىككىسىگە ‹‹ئۆلۈم›› دېگەن خەتنى يېزىشنى بەلگىلىگەنىكەن. ئالىيە مەيلى قايسى چەكنى ئالسۇن، ئۇنىڭغا ھايات يولى يوقكەن.

      بىراق، ئالىيەنىڭ دوستى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سوتچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كېچىلەپ ئالىيەنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئامال قىلىشىنى ئېيتىپتۇ.

      جىددىي پەيت كەپتۇ، سوت ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرگەن ئەجەل قۇشى ئالىيەگە تىكىلىپتۇ. ئالىيە سوتنىڭ تۆت ئەتراپىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن قىلچە تەپ تارتماستىن قۇتىنىڭ ئىچىدىكى چەكتىن بىرنى ئاپتۇ – دە، قېتىنى ئاچمايلا ئاغزىغا سېلىپ يۇتۇپتۇ.

      كۆپچىلىك ئالىيە ئالغان چەكتىكى خەتنىڭ ‹‹ھاياتلىق›› مۇ ياكى ‹‹ئۆلۈم››مۇ، نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ. ئادەتتىكى قائىدە بويىچە، بۇنىڭ بىردىنبىر ئامالى قۇتىدا قالغان چەكنى ئېچىپ كۆرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ، بۇنىڭدىكى خەتنىڭ ‹‹ئۆلۈم›› دەپ يېزىلغانلىقىدا شەك يوق ئىدى. ئۇنداقتا، ‹‹قانۇن›› دىكى بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈم قىلغاندا، يەنە بىر چەك جەزمەن ‹‹ھاياتلىق›› دېگەن چەك بولۇپ چىقىدۇ – دە، ئالىيە ئەركىنلىككە چىققان بولىدۇ.

      — ئالىيە ھۆرلۈككە چىقتى، — كۆپچىلىك خۇشال ھالدا ۋارقىرىشىپ، ئالىيەنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ سوتتىن چىقىپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىردىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي