باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

ئۈمىدلىك ئۆسمۈر سۈبھىنۇر

سىدىق تۇردى، پاتىگۈل سابىر

      جەمئىيىتىمىزدە دەۋر تەرەققىياتىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تالانتىنى نامايان قىلىپ كۈنسايىن يۇقىرى ئۆرلەپ شەرەپ قۇچۇۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئاز ئەمەس. قاغىلىق ناھىيەلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپ ‹‹قوش تىل››لىق 6 – يىللىق 3 – سىنىپ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈبھىنۇر ئىسكەندەر ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلىپ زور شەرەپ قۇچقان ئۈمىدلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ بىرى.

      كىچىكىدىن تىرىشچان، زېرەك سۈبھىنۇر مەكتەپكە قەدەم قويغان تۇنجى كۈنىلا دەرسلەرنى پۈتۈن زېھنى بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. ئىنتىزامچان، جانلىقلىقى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ياخشى نەتىجە ياراتتى ۋە تېزلا كۆزگە كۆرۈندى. سۈبھىنۇر مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن ئانىسىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەملىشىش بىلەن بىللە تاپشۇرۇقلىرىنى ئەستايىدىل ھەم تولۇق ئىشلەپ ئەتىسى ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنى ئالدىن تەكرارلىدى. بىلەلمىگەن جايلىرىنى بەلگە قويۇپ ئەتىسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سوراپ بىلىۋالمىغۇچە بولدى قىلمىدى. دەم ئېلىش كۈنلىرى مەھەللىسىدىكى ياشانغان، ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. ئەتىگەن كېلىپ سىنىپ، مەيدان تازىلىقىغا ياردەملىشىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇردى. دەرستە يېتىشەلمىگەن 13 ساۋاقدىشىغا ئەتىگەن، كەچلەردە تەكرار قىلىپ بەردى.

      سۈبھىنۇر ئەدەبىيات دەرسىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ بىكار ۋاقىتلىرىدا كىتاب ئوقۇپ خاتىرە قالدۇردى. ئۇ مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 10 نەچچە قېتىملىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1 – دەرىجىنى قولدىن بەرمىدى.

       سۈبھىنۇر ئىسكىرىپكا، دۇتار، ناخشا – ئۇسسۇل قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۆزگىچە ماھارەت يېتىلدۈردى. سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

      سۈبھىنۇر ھەر يىلى ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئۈلگىلىك سىنىپ كادىرى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئۆسمۈر›› بولۇپ باھالاندى. ئۇ 2008 – يىلىدىن ھازىرغىچە مەكتەپ ۋە ناھىيە بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلغان ‹‹ۋەتەنگە مەدھىيە››، ‹‹مەكتەپنى سۆيىمەن››، ‹‹ئۇستاز مېھرى قەلبىمدە››، ‹‹لېي فېڭ روھى مەڭگۈ نۇر چاچىدۇ››، ‹‹كومپارتىيە نىجادكارىمىز›› قاتارلىق تېمىلاردىكى ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش، ئەدەبىيات – سەنئەت مۇسابىقىلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ مەكتەپ بويىچە بەش قېتىم، ناھىيە بويىچە ئالتە قېتىم تەقدىرلەندى. 2011 –، 2012 – يىللىرى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قوش تىل››دا نۇتۇق سۆزلەش، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ يىل 4 – ئايدا شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 5 – قېتىملىق پىيونېرلار قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى.

سۈرەتتە: سۈبھىنۇر (ئوتتۇرىدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن تەكرار قىلماقتا. 

 
مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر