باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئەنئەنىۋى بايرام مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئەترەت پائالىيىتىنى بېيىتىش

      1 . ئەنئەنىۋى بايرم پائالىيىتىنى تۇرمۇشتىكى مۇھىم تەربىيە مەزمۇنى قىلىش

      ئوقۇغۇچىلار قانداق ۋاقىتتا ئەڭ خۇشال بولىدۇ؟ بايراملاردا ئەڭ خۇشال بولىدۇ. ‹‹پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى تىزىسى›› دا ‹‹ھەرخىل مۇھىم بايرام، خاتىرە كۈنلەر قىممەتلىك ئەخلاق تەربىيە مەنبەسى بولالايدۇ›› دېيىلگەن. بايرام مەدەنىيىتى، تەربىيە مەنبەسىنى تونۇش، تەھلىل قىلىش، قېزىش، ئىشلىتىش، شۇنداقلا يېقىشلىق، جەلپكار ھەرخىل مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، تەشەببۇسكار، ساغلام، مەدەنىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش مەكتەپ پىئونېرلار ئەترىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بايراملىق پائالىيەتنىڭ تۈپ مەنىسىدۇر.

      يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ئەخلاق تەربىيە قانۇنىيىتىنى توغرا تونۇش ئاساسىدا ئەخلاق تەربىيىسىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم دەرسلىك قىلىپ، تۇرمۇشقا يېقىنلىشىش، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىشگە، تۇرمۇش سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تۇرمۇشىغا بولغان يېتەكلەشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش سەزگۈرەشتىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيەتلىرىنى ئەخلاق دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش، ئۆسمۈرلەرنىڭ بايرام ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرۈشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش، جانلىق، قىزىقارلىق پائالىيەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئوقۇغۇچىلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلاردا ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت شەكىللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

      سوۋېت ئىتتىپاقى پېداگوگى ماكارىنكو: ‹‹ئادەم ئۇزۇن مەزگىل تەرتىپلىك، سىستېمىلىق، تەۋرەنمەس روھ ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بولغان كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق خاراكتېر يىتىلدۈرىدۇ›› دېگەن. مەسىلەن، ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› ھارپىسىدا ئەترەت تەشكىلى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئوقۇتقۇچىسىغا بايراملىق سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشقا، چوكانتال بايرىمىدا ھەرخىل ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ‹‹تەشەككۈر بايرىمى›› دا ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇستازلىرىغا تەشەككۈر ئېيتىشقا، ‹‹8 – مارت ئاياللار بايرىمى›› دا ئانىسىنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيىلەش، يېتەكلەش لازىم. كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەرخىل بايراملار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملارغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق بايرام خۇشاللىقى تاپىدۇ.

      2. ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيىتىنى دەۋر تۈسىگە ئىگە قىلىش

      باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، چۈشىنىش، تونۇش سەۋىيىسى ۋە ئەخلاق سۈپىتىنىڭ شەكىللىنىش قانۇنىيىتى قاتارلىقلارنى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئەترەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتا ئەترەت تەشكىلى پائالىيەت شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشى، ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. مەكتەپ پىئونېرلار چوڭ ئەترىتى ئەنئەنىۋى بايراملارنى تەتقىق قىلىش ئىشخانىلىرىنى تەسىس قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاكتىپ قاتناشتۇرۇش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى، بايرامنىڭ قائىدە – يوسۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلىش، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇلارغا بايرام خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرگە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ۋە ھەرخىل بايراملاردا ئىشلىتىدىغان يېمەكلىك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئۇزۇن تارىخى، ئېسىل ئەنئەنىلىرى ۋە مىللىي روھنى نامايان قىلىش، ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلدۈرۈش ئاساسىدا ئۇلارنى ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتلەردە يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن تەربىيىلەشنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىش كېرەك.

      3. ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيىتى ئارقىلىق پىئونېرلارنىڭ ئوبيېكتىپ ئورنىنى تىكلەش

      ئەنئەنىۋى بايراملار ئىچىدە قايسى بايرامنى تاللاش، قانداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مەكتەپلەردە ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشتا ئاۋۋال ئايدىڭلاشتۇرىدىغان مەسىلە. تەربىيىچىلەر ئەترەتنىڭ تەربىيە ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىش، تەلىم – تەربىيە مەزمۇنى ۋە پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، ئورتاقلىشىش ئاساسىدا بېكىتىپ چىقىش كېرەك. بايراملىق پائالىيەت مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن سىرتقا، جەمىئيەتكە، تۇرمۇشقا يۈزلەندۈرۈش، ئۇلارنى تۇرمۇشقا يېقىنلىشىش ئارقىلىق جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە ھاياتلىق، كىشىلىك تۇرمۇشنى چۈشىنىشكە، قېزىشقا، تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

      پائالىيەت جەريانىدا تەربىيىچىلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزى تاللاش، ئەركىن تەشكىللەش، ئۆزى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆزى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، ئوقۇغۇچىلارنى ئەنئەنىۋى بايرام پائالىيىتى داۋامىدا قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئەترەت ئىچىدە بىر كىشىلىك رول ئېلىش ۋە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆزى لايىھىلەش، ئۆزلىرى قانات يايدۇرۇش، ئۆزلىرى باھالاش ۋە بارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆزلىرى يۈرگۈزۈشكە، ئۇلارنى ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا ياردەم قىلىش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر