باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

      1. كۆپ ئۇخلاش. كۆپ ئۇخلىغاندا، مېڭە ئۇيقۇ مەركىزىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، فىزىئولوگىيەلىك ماددا ئالمىشىش پائالىيىتى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىپ، ئادەمنىڭ ھەر خىل سەزگۈ ئىقتىدارى چېكىنىدىكەن ھەم سۆڭەك مۇسكۇللىرى جىددى بوشىشىپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدىكەن. بولۇپمۇ، قان ئايلىنىشنىڭ ئاستىلىشى تۈپەيلىدىن، يۈرەك كېسىلىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىشى ياكى سەكتە(شامالدارىش) قاتارلىق كېسەللەر كېلىپ چىقىدىكەن.

      2. تاماقنى كۆپ يېيىش. تاماقنى بەك كۆپ يېگەندە، ئاشقازان كېڭىيىپ كېتىپ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلاپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماي، يېمەكلىكلەر تولۇق ھەزىم بولمايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن.

      3. ھاراقنى كۆپ ئىچىش. زىيادە ھاراق ئىچىش جىگەر، تال ۋە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەندە، ئىسپىرت بەدەندە كۆپ مىقداردا جۇغلىنىپ، ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش، نېرۋىلار پالەچلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش رولى قالايمىقانلىشىپ، قېرىش تېزلىشىدۇ.

      4. دائىم تىرناقنى چىشلەش. تىرناق ۋە تىرناق ئۇچىدا باكتېرىيە بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، دائىم تىرناقنى چىشلىگەندە، كۆپلىگەن كېسەل باكتېرىيەلىرى ئېغىزغا كىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ھەزىم قىلىش يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

      5. دۈم يېتىپ ئۇخلاش. دائىم دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىدۇ. مۇسكۇل ۋە پەيلەر تولۇق بوشىيالماي، كۆكرەك، يۈرەك، ئۆپكە ۋە يۈز بېسىمىغا ئۇچراپ قىسىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئويغانغاندا بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ھەم ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

      6. قېنىق چاي ئىچىش. قېنىق چاي ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ قىسقىرىشىنى، ئاقسىلنىڭ قېتىۋېلىشىنى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈپ، چىشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بوغۇملارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، پالەچلىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

      7. دائىم كۆزنى ئۇۋۇلاش. دائىم كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا، قولدىكى كېسەل باكتېرىيەسى كۆزگە ئاسانلا كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، كۆز قىزىرىش(بىرىكتۈرگۈچى پەردە يەللىكى)، يىڭنە ئاسقۇ قاتارلىق كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ. كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كېتىپ، كۆز قىچىشسا، كۆز دورىسى تېمىتسا چىقىپ كېتىدۇ ياكى دوختۇرغا كۆرۈنسىمۇ بولىدۇ.

      8. بەدەننى كۈچەپ سۈرتۈش. تېرە ھۈجەيرىلىرى كېسەل باكتېرىيەسى ۋە زىيانلىق نۇرلارنىڭ بەدەنگە كىرىشىنى توسۇيدىغان تەبىئىي توساقتۇر. يۇيۇنغاندا، بەدەن كۈچەپ سۈرتۈلسە، تېرە زەخىملىنىپ، كېسەل باكتېرىيەسى ۋە زىيانلىق نۇرلار زەخىملەنگەن ئورۇندىن بەدەنگە كىرىپ، ئاسانلا تۈك خالتىسى يەللىكى، چىقان ئىششىقى، ھەتتا قان چىرىش كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، يۇيۇنغاندا، بەدەننى يېنىك سۈرتۈش، شۇ ئارقىلىق تېرىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان