باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئۈزۈم تېلىنىڭ كۆز يېشى

 (مەسەل)

ياقۇپجان يۈسۈپ

      باھار كەپتۇ، تەبىئەت ئويغىنىپ بارلىق مەۋجۇدات جانلىنىشقا باشلاپتۇ. باغدىكى ئۈزۈم، ئانار، ئەنجۈر قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەر دېھقاننىڭ مېھنەتلىك قولى بىلەن ئۇزاق قىشنىڭ قاراڭغۇ زۇلمىتىدىن ئازاد قىلىنىپتۇ.

      جاپاكەش دېھقان ئۈزۈم تاللىرىنى چىقىرىپ بىردىن – بىردىن باراڭلارغا ئارتىپ چىگىشكە باشلاپتۇ. ئارىدىن بىر تۈپ ياش ئۈزۈم تېلى زۇۋانغا كىرىپ:

      — پۇت – قولۇمنى باغلىمىغان بولسىڭىز، – دەپ يالۋۇرۇپتۇ.

      — نېمىشقا؟ – دەپ سوراپتۇ دېھقان ھەيران بولغان ھالدا.

      — بۇنداق قىلسىڭىز پۇت – قولۇم كىشەنلىنىپ زىندانغا چۈشكەندەك، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغاندەك بولىدىكەنمەن. مېنىڭ ئەركىن، خۇشال – خورام ياشىغۇم بار، – دەپتۇ ئۈزۈم تېلى.

      — مېنىڭ بۇ قىلغىنىم سىنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭ، ئامانلىقىڭ ۋە بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن، – دەپتۇ دېھقان.

      — خۇش بولۇپ قالاي، مېنى باغلىمىغان بولسىڭىز، – دەپ يالۋۇرۇپتۇ ئۈزۈم تېلى، – سىز ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلىپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈردىڭىز، سىزگە كۆپتىنكۆپ رەھمەت! لېكىن، مەن يورۇقلۇققا ئەمدىلا چىقىپ باھارغا ئۇلاشتىم. باھار پەسلى بەكمۇ چىرايلىق، ھاۋاسىمۇ بەك راھەت ئىكەن، مېنىڭمۇ ئەنجۈر، ئانارلاردەك پۇت – قولۇمنى ئەركىن سوزۇپ، قەددىمنى تىك تۇتۇپ مەغرۇر ياشىغۇم بار، – دەپتۇ ئۈزۈم تېلى.

      ئاق كۆڭۈل دېھقان ئۈزۈم تېلىغا ئىچ ئاغرىتىپ:

      — خەير، سېنى بىر قېتىم مۇرادىڭغا يەتكۈزەي، – دەپ ئۇنى باغلىماي ئۈتۈپ كېتىپتۇ.

      ئۈزۈم تېلى تېنىنى پۈتۈنلەي قويۇۋېتىپ ئەركىن – ئازادە ياشاپ نەچچە ئايدىلا باراقسان بولۇپ ئۆسۈپتۇ.

      بىر كۈنى قاتتىق بوران چىقىپتۇ. ئۈزۈم تېلى باراڭغا ھەرقانچە يۆگىشىپ باققان بولسىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. بوراندىن كېيىن يامغۇر يېغىپتۇ. يامغۇردا بۇ بىچارە تال يەرگە تېخىمۇ چاپلىشىپ پەقەتلا ئۆرە بولالماپتۇ.

      ھەر قېتىملىق بوراندا بۇ ئۈزۈم تېلىنىڭ شاخلىرى سۇنۇپ، يوپۇرماق، نوتىلىرى سېسىپ كۈندىن كۈنگە خاراپلىشىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۈزۈم تېلى دېھقاننىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ كۆز يېشى قىپتۇ ھەم باھارنىڭ بوران – چاپقۇنى، يازنىڭ مۆلدۈرى بولىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ.

(ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: مىھراي