باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

ئىنتېرنېت قاچان پەيدا بولغان

      ئىنتېرنېتنىڭ ئاساسى ARPANET بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 1969 – يىلى تەسىس قىلغان.

      XX  ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئۇرۇش پارتلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر قىسىم ئالىملارنى كومپيۇتېرنىڭ تور ئالاقە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. ئالىملار ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ھەربىي ئىشلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدىغان تۆت كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسىنى ئۇلاپ، ھەربىي ئىشلار كومپيۇتېر تورى ARPANET نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ARPANET تا، ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر بۇزۇلۇپ قالسا، باشقا كومپيۇتېرلار ئۇنىڭ خىزمىتىنى بۆلۈشۈۋېلىپ، پۈتكۈل كومپيۇتېر تورى يەنىلا رولىنى جارى قىلدۇالايتتى.

      XX ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم – پەن فوندى جەمئىيىتى ARPANETنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇ مەبلەغ چىقىرىپ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تورنى ھاسىل قىلىپ، ARPANET نىڭ رولىنى كېڭەيتتى. كېيىن ARPANETقا قاتناشقان كشىىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، كىشىلەر توردىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپلا قالماي، يەنە تور بىلەن ئۆزئارا ئالاقىلىشىشكە باشلىدى. 1989 – يىلى كېڭەيتىلگەن ARPANET رەسمىي ھالدا INTERNET (ئىنتېرنېت) دەپ ئاتالدى.

      بۈگۈنكى كۈندە، ئىنتېرنېت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر تورىغا تەرەققىي قىلدى. 2000 – يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 700 مىليون ئادەم ئىنتېرنېتقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان بولدى. تورغا كىرىدىغانلارنىڭ سانى ھېلىمۇ ئۇچقاندەك كۆپىيىۋاتىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي