ئاساسىي ماتېرىيالى: بەرەنگە بىر باش، قىزىل راك 300 گىرام، سۇ ماي، قىزىل-كۆكمۇچ، كەسكەن قاقمۇچ.
تەم خۇرۇچلىرى: جاۋيەن (بىرىكمە تېتىتقۇ)، جىشىفىن، كىراخمال، كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى: بەرەنگە، كۆك-قىزىلمۇچلارنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز. بەرەنگە قەلەمچىسى ۋە راكلارنى جىشىفىن، كىراخمال بىلەن ئارىلاشتۇرۋالىمىز.
قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ياغ قۇيۇپ نورمال قىزىغاندا بەرەنگە قەلەمچىسىنى مايغا سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز، قىزىل راكنىمۇ مايغا سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىل-كۆكمۇچ، كەسكەن قاقمۇچ قاتارلىقلارنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ بەرەنگە، راكلارنى سېلىپ جاۋيەن (بىرىكمە تېتىتقۇ)، كۈنجۈت سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق كۈنجۈت مېيى تېمىتىپ بېزەلگەن تەخسىگە ئۇسساق بولىدۇ.