باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

ھايۋانلارنى پەرقلەندۈرۈش

      ئەگەر سىز دالىدا تاغىل ئاتنى تەتقىق قىلماقچى بولسىڭىز بىر توپ تاغىل ئاتلار ئىچىدە نىشاننى قانداق پەرقلەندۈرىسىز؟ بۇ مەسىلە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئالىملارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپ كەلگەنىدى. بەزىدە ئۇلار نىشاننى يىتتىرىپ قوياتتى. ھازىر بىيولوگلار بىر خىل تەسۋىر كۆچۈرگۈچنى كەشىپ قىلدى. چۈنكى، ھايۋانلاردىكى يول – يول سىزىقلار ئادەمنىڭ بارماق ئىزىغا ئوخشاش بولۇپ بىر – بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋال بولمايدۇ. شۇڭا، تەسۋىر كۆچۈرگۈچكە ھايۋاننىڭ رەسىمىنى كىرگۈزسىلا ئۇنىڭ بەدىنىدىكى يول – يول سىزىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر