باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇقىم بولۇشى ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى

      كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق، ھەركىتى چاققان، تېتىك بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۇزاق مۇدەت مۇقىم بولۇشى ساغلاملىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىز ئورۇقلاپ كېتىش دىئابېت، بەزى بىر راك كېسىلى، ئاشقازان - ئۈچەي، جىگەر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىق ئېھتىماللىققا يېقىن. شۇڭا، ۋاقتىدا ئالدىن ئالا تەكشۈرتۈپ دىئاگنوزنى ئېنىقلىتىشى كېرەك. بىراق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سەمىرىپ كېتىش كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرى قان يېغى، دىئابېت، قالقان بەز خىزمىتى چېكىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەندىكى بۇنداق ئۆزگىرىشلەرگە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان